خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېيىنكى 5 ئاي ئىچىدە تۈركىيە ئالىي رەھبەرلىرى خىتايدا 5 قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولغان. بولۇپمۇ، 9 - ئاي ئىچىدە تۈركىيىنىڭ سودىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلاياننىڭ ئىككى قېتىم، ئىقتىسادقا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مەمەت شىمشەكنىڭ بىر قېتىم خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغان دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلايان شاڭخەيدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا:" تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنى مۇزلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىپ قويغان ئىدۇق، ئەمدى ئۇنى توڭلاتقۇدىن چىقىرىپ قايتا ئېرىتىشكە باشلىدۇق" دېگەن.
تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتىدە 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېڭىدىن يۇمشىتىۋاتىمىز" ماۋزۇلۇق خەۋەردە، تۈركىيىنىڭ سودىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلاياننىڭ بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغانلىقى، ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يېقىنغىچە خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى يېزىلغان.
زەفەر چاغلايان، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا شاڭخەيدىكى خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتناشقاندىن سىرت، 16 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سودا يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە يەنە خىتايلار بىلەن بىر يۈرۈش توختامنامىلەر ئىمزالىنىدىكەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتايلارنىڭ تۈركلەرگە مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ ئېغزىنى ئېتىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.