بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا رەسمى باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە يۈكسەك كومىتېتىنىڭ باشلىقى در. زاھىد ئاقمان، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن، سابىق مىنىستىرلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن ئاخباراتچىلىق ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە، راديو تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلاردا تىلنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيىدە 500 تېلېۋىزىيە قانالى، 1000 ئەتراپىدا راديو بارلىقىنى، ئاخباراتچىلىقنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن، ئاخباراتچىلىقتا تۈركچىنى خاتا ئىشلىتىشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تىلنىڭ مۇكەممەللىشىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركچىنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مەتبۇئاتلاردا توغرا ئىشلىتىش كېرېكلىكىنى ئېيتتى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تىلشۇناشلار نۇقتىلىق ھالدا تۈركچىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىدىكى ئىلىم ئادەملىرى ئارىسىدا بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلاردا قايسى تىلنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن بېرى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا رۇس تىلى ئالاقە تىلى بولۇپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن ئۆزبېكىستانلىق ئىلىم ئادىمى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى پروف. در. بەختىيار كەرىموۋ ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.