'تۈركى تىللار دىۋانى' پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئەنگۈشتەردۇر

ئۇيغۇرلارنىڭ 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ "تۈركى تىللار دىۋانى" ناملىق شانلىق ئەسەرى ئۇيغۇرلار ئۈچۇنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، شۇ ۋاقىتتىكى تىلىنى، ئايماقلار ئوتتۇرىسىدىكى شېۋە پەرقلىرىنى، تارىخىنى، پەلسەپىسىنى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە جانلىق مەنبە بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

دوتسېنت دوكتۇر يۈسۈف تەپەلىي بىلەن سۆھبەت

تۈركىيىنىڭ ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇستازى دوتسېنت دوكتۇر يۈسۈپ تەپەلىي بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ "تۈركى تىللار دىۋانى"نىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق مۇنداق دېدى:" مەھمۇد قەشقىرى ئۇلۇغ ئەسەرى "تۈركى تىللار دىۋانى" دا 11 - ئەسىردىكى تۈرك ئايماقلىرىنىڭ سۆزلىشىدىغان شېۋىلىرى قانداق ئىكەنلىكى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى قايسى شەكىلدە ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەننىڭ سىرتىدا، شۇ زامانلاردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەر بىر ئايمىقى توغرىلىق ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. مەسىلەن: ئوغۇزلار مۇنداق قىلىدۇ، قارلۇقلار مۇنداق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى مۇنداق دېگەنگە ئوخشاش. شۇڭا "تۈركى تىللار دىۋانى" پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ، پەلسەپە، مەدەنىيەت، تىل - يېزىق، ئەدەبىيات قاتارلىق بىر مۇنچە تارىخىي مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىردىن ‏ - بىر ئەنگۈشتەرى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ شانلىق ئەسەر يالغۇز تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەتقىقاتچىلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئىشەنلىك مەنبە بولۇپ كەلمەكتە."

"تۈركى تىللار دىۋانى"نىڭ يېزىلىشىدىكى مەقسەت

دوتسېنت دوكتۇر يۈسۈپ تەپەلىي يەنە مۇنداق دېدى: "تۈركى تىللار دىۋانى" ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان بولسىمۇ، بېرىلگەن مىساللار جانلىق مىساللاردىن بولغان. مەسىلەن: مەھمۇد قەشقىرى قانداقلا بىر ماۋزۇ ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭغا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن، خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىن، ئىستىلاھلاردىن مىساللارنى بەرگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ ئەسەر ھازىرمۇ ئىلىم دۇنياسىدا ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ قالغان. مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ، " بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا پۈتۈن تۈرك ئايماقلىرى يەرلەشكەن شەھەر، قىشلاقلارنى بىر - بىرلەپ كېزىپ چىقتىم، ئاڭلىغانلىرىمنى قولىقىمغا يەرلەشتۈردۈم " دەيدۇ. ئاندىن بۇ ئەسەرنى تۈرك تىلىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەر ھالدا ئەسەرنى يېزىشتىن مەقسەت باشقىلارغا تۈرك تىلىنى ئۆگىتىشتىن باشقا، تۈرك تىلىنىڭمۇ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسەت قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. مۇندىن باشقا، مەھمۇد قەشقىرى بۇ ئەسەردە خەلقنىڭ ئىچىدىكى بىلىملەردىن خەۋەر بېرىش ئارقىلىق تۈركلەرگە بىرىنچى ئېغىزدىن مەلۇمات بەرگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە بىلىش ئۈچۈن "تۈركى تىللار دىۋانى" غا مۇھتاج بولىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ زامانلاردا بىر شاھزادىنىڭ خەلققە ۋە جەمئىيەتكە قانداق نەزەردە قارىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈنمۇ بىزگە مۇھىم بىلىملەرنى بېرىدۇ. بۇ ئەسەر يەنە قاراخانىيلار زامانىدا شاھزادىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ھەر تەرەپتىن مەلۇماتلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىمۇ بىزنى قىممەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.