ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىغىن ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
ئىدىل - ئۇرال قەلەمكەشلەر بىرلىكىگە ئەزا 15 قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا بىر قىسىم تۈركىي تىللىرى ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھازىر دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلاردىن باشقا بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەرجىمە خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ۋە تۈركىي مىللەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى باشلىقى قەيسەر ئۆزھۇن ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00