' تۈركىي تىللار دىۋانى' ئۈچۈن رۇس ۋە خىتايلار تەرىپىدىن جازالانغانلار

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن، "تۈركىي تىللار دىۋانى' نىڭ، تۈرك دۇنياسىدا تۇنجى قېتىملىق تەرجىمە قىلىش خىزمىتى، ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزەربەيجان شۆبىسى، بۇ خىزمەت ئۈچۈن خالىد سەئىد ئەپەندىنى تەرجىمە قىلىشقا بەلگىلىگەن، خالىد سەئىد ئەپەندى، 1937 ‏ - يىلى بۇ ۋەزىپىنى تاماملىغان، ئەمما خالىد سەئىد ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان."
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.12.31
Mexmut-qeshqiri-DLughet-305 ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلغانلار ئۆلتۈرۈلگەن

ماقالىدە دېيىلىشىچە يەنە، 1937 ‏ - يىلى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە مەرىپەتپەرۋەر شائىر مۇھەممەد ئەلى ئەپەندىلەر، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە پۈتكۈل تەرجىمە ماتېرىياللىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

قۇتلۇق شەۋقىي ھەج قىلىش جەريانىدا، ئىستانبۇلغا كېلىپ، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تۈركىيىنىڭ كىلىسلى شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىنى ئۆز ۋەتىنىگە ئېلىپ كەتكەن ۋە تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ مەرىپەت دۇنياغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىلمىي خىزمەتلىرى ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە يەنە، " ئۇيغۇرلار 1944 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغاندا تۇنجى خىزمىتى، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن باشلانغان، بۇ ئىش ئۈچۈن مەشھۇر ئالىم ئىسمائىل داموللام ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، ئىسمائىل داموللام، بىرىنچى جىلىدنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلغان."

دوكتۇر فەخرى سولاك ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق يازغان: " شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، ئۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋالىسى سەيدۇللا سەيفۇلايېف، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىغان ۋە مەشھۇر تارىخشۇناس، شائىر ئەخمەت زىيا ئەپەندىنى ئۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا تەيىنلىگەن. 1952‏ - ۋە 1954 ‏ - يىللار ئارىسىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەن ۋە كىتابنى باستۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتكەن، كىتابنى باستۇرۇش مەبلىغىمۇ قەشقەر شەھەرلىك مەمۇرىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئەخمەت زىيانى "ئەكسىل ئىنقىلابچى ۋە مىللەتچى "دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، تۈركىي تىللار دىۋانى تەرجىمىسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن."

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە، تىرىشچان ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم تۈركىي تىللار دىۋانى، 1963 ‏‏ ‏ - يىلى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر رايونى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇيغۇر سايرامى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ تېكىستلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى يېزىلغان.

دوكتۇر فەخرى سولاك ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇنداق پاجىئەلەر يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىغا بولغان قىزىقىشى ئازلىماستىن دەل ئەكسىچە كۈچەيمەكتە ئىدى. خەلق ۋە بىلىملىك شەخسلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تۈركىي تىللار دىۋانى ئىبراھىم مۇتىئىينىڭ باشچىلىقىدا، ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا، ئابدۇرېشىت كەرىم، ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ، خەلىم سالىھ، ھاجى نۇراجى، ئوسمان مۇھەممەد نىياز، ئىمىن تۇرسۇن، سابىت رۇزى، مۇھەممەد ئىمىن ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىق شەخسلەردىن تەركىپ تاپقان 12 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداق قىلىپ تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1983 ‏ - يىلى ئۈرۈمچىدە 3 جىلىد شەكىلدە 10 مىڭ نۇسخا باستۇرۇلۇپ نەشىر قىلىنغان."

ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، "تۈركىي تىللار دىۋانى قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجاندا بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان."

تۈرك تىلىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ لېكسىيىسى

ماقالىدە يەنە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك ئەسىرى بولسا "كىتابۇ جاۋاھىرىن نەھۋى فىي لۇغەتىت تۈرك " بولۇپ، ئۇ كىتاب دۇنيا تارىخىنىڭ تۇنجى تىل مەنبەسى بولغان كىتابلاردىن بىرى دەپ تونۇلغان، بۇ كىتاب ھازىرغىچە تېپىلمىغان، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۇ گرامماتىكا كىتابى تېپىلىپ قالسا، بۈگۈنكى تۈرك شىۋېلىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان گرامماتىكا ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىكەن ۋە تۈرك تىلى ھەققىدە بەس ‏ - مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ "كىتابۇ جاۋاھىرىن نەھۋى فىي لۇغەتىت تۈرك" دېگەن كىتابىنى ئىزدەپ تاپقانلارغا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000‏ ‏ - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 1000 دانە جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيىنىڭ بىر دانە جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200$ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە.

بۇ مۇھىم قىممەتلىك ئىككى كىتابنى يازغان مەھمۇت قەشقىرى كىم؟

دوكتۇر فەخرى سولاك ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: " قاراخانىيلار خاندانىدىن بۇغراخان مۇھەممەد ياغان تېكىننىڭ نەۋرىسى ۋە شاھزادە ھۈسەيىن ئەمىر تېكىننىڭ ئوغلى بولغان مەھمۇت قەشقىرى، بىر ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ئۆزىنى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان بىر تۈرك شاھزادىسىدۇر. ئۇ، 30 دىن ئارتۇق تۈرك شىۋېسىنى خۇسۇسەن ئوغۇز، قىپچاق، قارلۇق، بۇلغار، ئارغۇ، ئۇيغۇر، كەنچە، ئوغراق، ياباكو، پەچەنەك، چىغىل، سۇۋار، خاقانىيە، تاتار، باشقۇرت قاتارلىق قەۋىملەرنىڭ شىۋە ۋە تاۋۇشلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن. مەھمۇت قەشقىرى، 1073 ‏ - يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن تۈركىي تىللار دىۋانىنى، ئابباسىيە دەۋرىنىڭ خەلىپىسىگە بېغىشلىغان. تۈركىي تىللار دىۋانى تىل مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇ تۈركچىنىڭ تىل تاۋۇشى ۋە تىل قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاھانە ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.