تۈركىي تىللار دىۋانى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ باكۇدىكى مىڭ بىر كۈي نەشرىياتى تەرىپىدىن 4 توم قىلىپ نەشىر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.04.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Mexmut-qeshqiri-DLughet-305 ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim


2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتاب - ماقالىلەر نەشىر قىلىندى ۋە جاي - جايلاردا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق بۇ زور ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن ئىدى. مەھمۇت قەشقىرى يىلىغا يەنە بىر سوۋغا سۈپىتىدە بۇ قامۇسنىڭ رۇسچىسىمۇ نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

تۈركىي تىللار دىۋانىنى باكۇ دۆلەت ئۇنۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى رامىز ئەسكەر ئەپەندى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ بۇ تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ رۇسچە تەرجىمىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسى ئىكەن. رامىز ئەسكەر ئەپەندى 2006 - يىلى تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئەزەرىچىگىمۇ نەشىر قىلىپ تارقاتقان ئىدى. بۇ كىتابنى ئەزەربەيجانچە ۋە رۇسچىگە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 20 يىل ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان رامىز ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئەزەربەيجان بىلىملەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەممە بۆلۈملىرى ھەر يىلى تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشنى ئۆزىنىڭ يىللىق پىلانىغا قويغان بولسىمۇ لېكىن بۇ پەقەتلا ئەمەلىيلەشمىدى. ئاخىرى مەن بۇ كىتابنى 20 يىللىق ئەجىر ۋە كۆز نورۇمنى سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. 2006 - يىلى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەزەرىچىسىنى 4 توم   قىلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىپ تېخى يېڭىلا نەشىر قىلدۇردۇم. ھازىر رۇسچە تەرجىمىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنچى توملىرى نەشىردىن چىقتى. 4 - تومىمۇ مەتبۇئاتتا تىزىلىپ بولدى بېسىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھازىرچە بۇ 4 قامۇسنى ئىقتىساتنىڭ چەكلىك بولۇشىدىن 250 تىراج بىلەن بېسىپ چىقاردۇق. كېيىن ئىقتىساد يار بەرسە يەنە نەشىر قىلىمىز. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيىگە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەرگە ئەۋەتىمىز.

سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن پانتۈركىزىمنى تەشۋىق قىلغان دەپ قارىلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بارلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانىنى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ئەزەربەيجاندا تۇنجى بولۇپ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان كىشى مىرزا مەھسۇم ئىبراھىموف بولۇپ ئۇ قامۇسنى - 1925 - يىلى پارچىلارغا بۆلۈپ نەشىر قىلدۇرغان ئىكەن ئەمما كېيىن بۇ نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان. تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجاندا 1935 - 1937 يىللىرى ئارىسىدا رۇسچىگە تولۇق تەرجىمە قىلغان كىشى ئۆزبېك خەلقىدىن بولغان ئالىپ سايىت ئەپەندى بولۇپ ئۇ ئىستانبۇلدا بىلىم ئىگىلىگەندىن كېيىن ئەزەربەيجانغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەزەربەيجاندا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسى تۈگىگەندە يەنى 1937 - يىلى موسكۋاغا چاقىرتىلغان ۋە ئۇيەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئوققا تىزىلغان. ھۆكۈم سەۋەبى بولسا پانتۈركىزىمنى تەرغىپ قىلىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش دەپ ئېلان قىلىنغان. ھازىر ئالپ سايىت ئەپەندىنىڭ بۇ قول يازمىسى ئەزەربەيجان بىلىملەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا ئىكەن.

تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ مانا مۇشۇنداق قانلىق تارىخقا ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ زور قىلماقتا.

بۇ كىتاب دۇنياۋى بىر ۋەقەدۇر. بىلگىنىمىزدەك ۋىزانتىيە دەۋرىدە، قەدىمى رومدا بەزى لۇغەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن 9000 سۆزلۈككە ئىگە بولغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بولۇشى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە. بۇ جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمى تىلغا، مەدەنىيەتكە ۋە تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئىسپاتلاۋاتىمىز. بىز ئەرەبلەردىنمۇ بۇرۇن 9000 مىڭ سۆزلۈك بىر خەزىنىگە ئىگە بولغان خەلق. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنىشى ئەزەلدىن توسالغۇغا ئۇچراپ كەلگەن. رۇسلار ئەسلىدە ئەسەرنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ئەمما ئۇ يىللاردا رۇسلار تۈركىي مىللەتلەردە پان تۈركىزىمنىڭ كۈچلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ۋە سىياسى تۈزۈمىگە زىيان كېلىشىدىن قورققان. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.

ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدە تاتار، ياكۇت، باشقۇرت، قۇمۇك قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە مىللەتلىرى بار. بۇلارنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىدىغان ئادىمى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى يوق. شۇڭا تۈركىي تىللار دىۋانىدىن ئۇلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل بىلەن بىرلىكتە ئاخىرى بۇ تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئۇلار ھەممىسى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىل بولغان رۇسچىگە تەرجىمە قىلىپ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ۋە لاتۋىيىدە تارقىتىشنى پىلان قىلدۇق.

ئۇلار بۇنى ئوقۇسۇن، بۇنىڭدىن پايدىلانسۇن، مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپادا تىل يوق ۋاقتىدا، رۇس تىلىمۇ يوق ۋاقتىدا بىزنىڭ تىلىمىز بولغان ئىكەن، بىز مانا مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ۋارىسچىلىرىكەنمىز دەپ بۇنىڭدىن بىر كۈچ - قۇۋۋەت ئالسۇن ۋە ئاسسىملاتسىيە بولمىسۇن، دەپ بۇ قامۇسنى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردۇق. بىزنىڭ مەقىسىتمىز پەقەتلا مۇشۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ۋارىسچىسى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بۇنىڭدىن كۈچ قۇۋۋەت ئېلىشى ۋە بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى قوغداپ قېلىشى كېرەك.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ھەققىدە كىتاپنى رۇسچىگە تەرجىمە قىلغان رامىز ئەسكەر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسى بىلەن تونۇشتىڭلار. بىز رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ زىيارىتىئىزنى قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.