ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئەرمىنىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قاراباغ مەسىلىسى، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئىراقتىكى تۈركمەن مەسىلىسى ۋە قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ ئانا يۇرتىغا قايتىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرگە تۈرك دۇنياسى مەتبۇئاتلىرىنىڭ دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، تۈركىي دۆلەتلىرى مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى بۇ مەسىلىلەرنى جامائەتچىلىككە توغرا ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
"سىز چىقىرىۋاتقان تۈركىستان گېزىتى قانداق بىر گېزىت؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئاقىل جامال ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىستان بىر دۆلەتنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى بىر يەرنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىسادى، سىياسىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاڭلاتقان گېزىتنىڭ ئىسمىنى تۈركىستان قويغىلى بولمايدۇ. تۈركىستان گېزىتى بىر داۋا گېزىتى. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان بىر گېزىت. تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر گېزىت".
"ھۆرمەتلىك ئاقىل جامال ئەپەندى سىز تۈركىستان گېزىتىنىڭ بىر داۋا گېزىتى ئىكەنلىكىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، ھازىر ئەزەربەيجان خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى بىلەمدۇ؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. دىنداش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا ئەزەربەيجان تىلىغا بۇنچىۋالا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مەسىلەن مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى بەزى دوستلىرىمغا ئاڭلاتتىم، ئۇلار ھەيران قالدى، بەزى سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا جۈملىلەرنى تامامەن چۈشەندى. گەرچە ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلار بولمىسىمۇ كېيىنكى يىللاردا ھەممە كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلىپ كەتتى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بىزنىڭ كۆڭلىمىز سىلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا يېرىم بولدى".
ئاقىل جامال ئەپەندى "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى دېدىڭىز، تۈركىستان گېزىتىدە ۋە ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرىدا قانداق بېرىلدى؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"بىز ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىمكانىمىز يار بەرگەن دەرىجىدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى قانلىق رەسىملەرنى ۋە خەۋەرلەرنى خەلققە يەتكۈزۈش جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلدۇق. ئەزەربەيجان خەلقى، ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنى خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىردى. ئەزەربەيجان پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە كۈن تەرتىپكە كەلدى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. بىز تۈرك دۇنياسى ھەققىدە بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە داۋاملىق خەۋەر ئېلان قىلىۋاتقان بىر گېزىت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گېزىتىمىزدە ئىشلەۋاتقانلار بىلەن بىللە خىتاينى ئەيىبلەش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدۇق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئېقىتقان خىتاي ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى ئالماڭلار دەپ لوزۇنكىلارنى كۆتۈردۇق. بۇ شوئارىمىزنىڭ بەك تەسىرى بولدى".

"قانداق تەسىرى بولدى؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئاقىل جامال ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
"بەزى ياشلار ئەزەربەيجاندا كوچىلاردا مال سېتىپ جان بېقىۋاتقان خىتايلارنى ئۇرۇپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. ئەمما بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى چەتئەللەردىكى خىتايلارغىمۇ خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. ئەزەربەيجان خەلقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئۆزىگە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەزەربەيجان تۈركى بىلەن قېرىنداش. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنى ئەزمەسلىك، بوزەك قىلماسلىقى كېرەك".
"سىز ئەنقەرەدە تۈركىي دۆلەتلەر ئاخبارات مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىسىز، بەك ياخشى گەپلەر بولۇۋاتىدۇ. سىزچە تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە نېمە؟ " دېگەن سوئالىمىزغا تۈركىستان گېزىتىنىڭ ساھىبى ئاقىل جامال ئەپەندى مۇنداق دېدى:
"سىزگىمۇ مەلۇم بۈگۈن دۇنيانى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كونترول ئاستىدا تۇتماقتا. تۈرك دۇنياسى پەقەتلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەتبۇئاتنى كۈچەيتىشكە سەل قارىدى. ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ مەتبۇئات ئاجىز بولسا يەنە بولمايدۇ. مەنچە بۇ يىغىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز تەكلىپلەر بىلەن كەلگەن ئىدۇق. بۇ يەردە تۈرك دۇنياسى ئاخبارات بىرلىكى قۇرۇش، ئورتاق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى قۇرۇش قارارلىرىنى ماقۇللىدۇق. 2-ئايدا ئەنقەرەدە يەنە بىر يىغىن چاقىرىپ تۈرك دۇنياسى ئاخبارات بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقماقچى. بىرىنچى باسقۇچتا مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلەر ئاخباراتچىلار بىرلىكى قۇرۇش، كېيىنچە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاخبارات بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىش. بۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."