زەيتىنبۇرنۇ ناھيىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدلىكى، بۇ رايوندا ئۆتمۇش زامانلاردا خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىجرەت قىلغان زەيتىنبۇرنۇغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەر بىرلىكتە ياشايدۇ. زەيتىنبۇرنۇدا يەنە تۈرك ۋە كۇرت مىللەتلىرىمۇ ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايون زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىننىڭ ئىپادىسى بويىچە، «كىچىك بىر تۈرك دۇنياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. زەيتىنبۇرنۇدا يەنىلا تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. 1954 - يىللاردا ئاتا - ئانىسى شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان قازاق ئائىلىنىڭ ئوغلى ئىلياس ساكا ئەپەندى 2004 - يىلدىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇ ناھيىسىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.
2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە زەيتىنبۇرنۇ دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا «تۈركىستان مۇنبىرى» قۇرۇش پىكىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى ۋاخپى، ئافغانىستان تۈركلىرى خەلقئارالىق ئىجتىمائى ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئافغان تۈرك كېڭىشى، ئافغان تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى، خوجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋەخپى ۋە قورقۇتئاتا جەمئىيىتى قاتارلىق 15 تىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە فوندلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلدى. كېيىن زەيتىنبۇرنۇ دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇفتى يۈسۈپ ئىززەتدىن، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. مۇرات ئايدىن سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىستانبۇلنىڭ باشقا رايونلىرىغا شەھەر باشلىقى بولغاندىن زەيتىنبۇرنۇغا شەھەر باشلىقى بولغانلىقىم مەن ئۈچۈن بىر تەلىيىم دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ يەردە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىن ئىنسانلار ياشايدۇ، بۇ يەردە، ئافغانىستان، شەرقىي تۈركىستان، بالقانلار، قىرىم تاتارلار، رۇمەلىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بۇ يەردىكى قېرىنداشلار چوڭ تۆھپە قوشتى. مەن ھەر قېتىمقى يىغىندا بۇ ئالاھىدىلىكنى تىلغا ئالىمەن. بىزنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ يەردە. ئۇ يەردىكى مەدەنىيەتلىرىمىز بۇ يەردە، ئۇ جۇغراپىيىدىكىى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ھەر شەھەر ۋە ھەر ناھىيىگە قىسمەت بولغان بىر ئىش ئەمەس. بۇ ئالاھىدىلىك پەقەت زەيتىنبۇرنۇغا خاس بىر ئالاھىدىلىك. بۇ بىر گۈزەللىك، بۇ بىر نېمەت دەپ ئويلايمەن.
مۇرات ئايدىن سۆزىدە يەنە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: خۇسۇسەن سىزلەرنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان، بۈيۈكلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ياكى سىلەرنىڭ بەزىڭلار توغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇ يەر، بىزنىڭ مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ ماكانى، ئۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلار بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىز، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئۇ يەردىكى مەدەنىيەتلىرىمىزگە، ئىنسانلارغا ئىگە چىقىش. مەن شۇنى سەمىڭلەرگە سېلىشنى خالايمەنكى، ھۆكۈمىتىمىز، باش مىنىستىرىمىز، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرېسى نائىم شاھىن بولسۇن ھەممىسى سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، سىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەتلىرى بار، بىزمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز، سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمىز چەكسىز. سىلەر ھۆكۈمىتىمىزنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بىر جەمئىيەت. بىزمۇ سىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي سېستىمىدىكى مىللەتلەرنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاممۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئارىسىدا يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئەڭ مۇھىم پىكىرلەردىن بىرى، تۈرك دۇنياسىغا تەۋە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەر ئايدا بىر قېتىم يىغىلىپ ئۇچرىشىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، يەنە بىرسى بولسا «تۈركىستان مۇنبىرى» نامى ئاسىتىدا پۈتكۈل ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىپ خىزمەت - پائالىيەتلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىش پىكىرى يىغىنغا قاتناشقان پۈتكۈل ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر مەسئۇللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ، زەيتىنبۇرنۇدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۇچراشتۇرۇش، بىر - بىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.