2009 - يىلى 20 - يانۋار كۈنى تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تە تۈركىيىنىڭ tv5 تېلېۋىزىيىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنى دېگەن تېمىدا بىر پروگرامما تارقاتتى. پروگراممىغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پروگرامما سۇنئىي ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى پروگراممىغا tv5تېلېۋىزىيىسى خادىمى نازمى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
پروگراممىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن دوكتور ئالىمجان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى شۇنداقلا رىياسەتچى خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان پروگرامما جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
دوكتور ئالىمجان سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق بىر رەسمى ئورگاننىڭ قوللىمايۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئاخباراتلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە خەۋەر ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ پروگرامما 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، سۇنئىي ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىنسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىلدى.
بۇ بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ پروگراممىغا قاتناشقان ھىدايەتۇللا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.