تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىندى

يېقىندا تۈركىيىدە چىقىدىغان «كۈن نۇرى» ناملىق گېزىتنىڭ 17-نويابىردىكى سانىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم» دېگەن تېمىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورنى يازغۇچى ر. مىتھات يىلماز ئەپەندى يازغان.

0:00 / 0:00

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن تاڭ ئاتقان ھەر كۈنى خىتايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا بۇ ۋەقەدىن قەبىھ ھادىسىلەر كېلىۋاتىدۇ ۋە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ، قەيسىرىدىن چىقىرىۋاتقان ئىستىقلال ئىسىملىك بىر گېزىتى بار، بۇ گېزىتنى يۈرىكىڭىز پۇچىلانماي چىداپ ئوقۇسىڭىز، شەيتانغا ئۆتۈكنى تەتۈر كىيدۈرىدىغان خىتايلارنىڭ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا قانداق ئاپەتلەر ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولىسىز.

sherqiy-turkistanda-olum-dogu-turkistan-net-385.jpg
شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم ناملىق ئوبزورنىڭ دوگۇ تۈركىستان نېتتىكى نۇسخىسى. 2011-يىلى نويابىر، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

ئىستىقلال گېزىتىنىڭ 3-سەھىپىسىدە يازغۇچى شەن ۋۇزەن تەرىپىدىن ئوخشىمىغان گېزىتلەردىن توپلىغان «شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئىستىقلال گېزىتىنىڭ ھەر سانىدا تولۇق بىر سەھىپىدە ئېلان قىلىندى ۋە 8-سانىدا ئاخىرلاشتى. بىزمۇ ماقالىلىرىمىزدە پات -پات خىتايلارنىڭ شىنجاڭ دەپ ئىسىم قويغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدۇق. ھەتتا بىر قېتىم مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان توپلىمى تەييارلاپ گېزىت بىلەن قوشۇمچە ھەقسىز تارقاتقان ئىدۇق.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، يازغۇچى شەن ۋۇزەننىڭ ئىستىقلال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىدىن ئارىيە تەقدىم قىلىمىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتى يوق ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان بېسىم ۋە ناھەقچىلىكتىن ئازراق بولسىمۇ بىلدۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

«دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دەۋرى دەپ بىلىنگەن 21-ئەسىردە كۆپ نوپۇس ۋە ئۆكتەملىك بىلەن دۇنياغا تەھدىت قىلىدىغان ھالغا كەلگەن خىتاينىڭ، شىنجاڭ يەنى يېڭى تۇپراق دەپ نام بەرگەن شەرقىي تۈركىستاننى قانداق سۆمۈرۈۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قانداق پارچىلاپ ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بۇنىڭغا سۈكۈت قالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي...!» ئىسمائىل ياغچى، تۈركىيە گېزىتى.

«دېڭىز ھايۋانلىرىنى قەتلىئام قىلغاندەك خىتايلار ئۇيغۇرلارنى چوڭ كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ» ئەخمەت ۋۇرال، ۋاقىت گېزىتى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. خىتاي بىر تۈركۈم ئىقتىسادنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئۆلكىنى ئىشغال قىلدى. دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇ ھالىتى ۋە باشباشتاقلىقى، ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىنى قۇلايلاشتۇردى». سەمىھ ئىدىز، مىللەت گېزىتى.

«خىتاينىڭ مەيدانى توغرا ئەمەس. خىتاينىڭ زالىملىقىنى دۇنيا 1989-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا مۇداپىئەسىز نامايىشچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ ئۆتكەن تانكىلار بىلەن كۆرگەن ئىدى.» ئىبراھىم كالىن، ساباھ گېزىتى.

«ئۈرۈمچىدە قورالسىز ۋە مۇداپىئەسىز كىشىلەرگە ئوق ئېتىش، يۈزلىگەن كىشىنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش، ھېچقانداق بىر شەكىلدە بۇ خىل بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ.» ھەسەن جالال گۈزەل، رادىكال گېزىتى.

«تۈركىيىدىن باشقا ئەڭ كۆپ تۈرك نوپۇسى بولغان يەر شەرقىي تۈركىستان. بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدۇ» مەھمەت تەزكان، ھۆرىيەت گېزىتى.

«ئىسرائىلىيىنىڭ غەززىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى، ۋان مىنۇت، سىلەر ئۆلتۈرۈشنى ياخشى بىلىسىلەر، دەپ ۋارقىرىغان باش مىنىستىر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان شىددەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئوخشاش قارشى چىقتى. قىرغىنچىلىققا ئوخشاش، دېدى. باش مىنىستىر قىرغىنچىلىق دېگەن ھامان، بىر كىملەر ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە قاتتىق تەگدى، كۆپتۈرمەيلى، خىتاينى غەزەپلەندۈرمەيلى، ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان 5 دۆلەتتىن بىرى، قارشىلىشىپ قالساق ئۇزۇن زامان تىركىشىمىز، ئەخمەق بولمايلى، دېگەندەك جۆيلۈپ يۈردى» ئورال چالىشار، رادىكال گېزىتى.

«20 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمىندە خىتاي تانكىلىرىنىڭ ئالدىدا كۆكرەك كىرىپ تۇرغان ياش، ئەركىنلىك ئىدىئالىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىدى. ھازىر شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارشىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرمەكتە.» يىلماز ئۆزتۇنا-تۈركىيە گېزىتى.

«ئىمپىراتۇرلۇق دەۋرىدىن باشلاپ خىتاي ھەر 10، 20 يىلدا بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىدۇ. مەسچىتلەرنى، تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى، قۇرۇلۇش بىناكارلىقنى چاقتى، كىتابلارنى كۆيدۈردى.» م. كەمال كوچاك-ئوتتۇرا شەرق گېزىتى.

«ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۈرگۈزۈلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق نەتىجىسىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى ياكى مۇددەتسىز،ئۆمۈرۋايەت قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ياكى يوقاپ كەتتى. بۇ ۋەقەلەر دۇنيادىكى ھېچبىر دۆلەت، ئىدارە ياكى تەشكىلات تەرىپىدىن دىققەتكە ئېلىنمىدى. تۇغۇت چەكلەش نام ئاستىدا ئون مىڭلىغان ئانا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە ئۇچرىدى. ئانىنىڭ قۇرسىقىدىكى بالا ئانىسى بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلدى. مەخپىي تۇغۇلغان بالىلار بولسا نوپۇسقا ئېلىنمايدۇ. بۇ ھالەتتە دۇنياغا كۈز ئاچقان بۇۋاقلارنى خىتايلار قارا نوپۇس دەيدۇ. بۇ خىل بۇۋاقلار چوڭ بولغاندا خىتاي جاسۇسلىرى ئۇلارنى ئېلىپ قاچىدۇ ۋە ئورگان تىجارەتچىلەرگە ساتىدۇ.»

بۇنىڭغا ئوخشاش ئونلىغان، يۈزلىگەن ماقالىلەر بار، ئەڭ ياخشىسى ئوقۇشنى خالىغانلار بۇلارنى ئىستىقلال گېزىتىدىن ئوقسۇن.