يىغىنغا قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان ئاخباراتچى تامەر ئەريىگىت ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەردى. يىغىندا يەنە دەۋرى ئالەم شەرقىي تۈركىستان دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
بىز بۇ يىغىندا سۆز قىلغان ئاخباراتچى تامەر ئەريىگىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
-ھۆرمەتلىك تامەر ئەريىگىت ئەپەندى بۇ قېتىمقى 'بىلىم دەۋرىدە تۈركىستانغا سەپەر' تېمىدىكى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت نېمە؟
-تۈركىستان جۇغراپىيىسى بەك مۇھىم، ئۇلۇغ تۈركىستان دەپ تونۇلغان، بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ قوبۇل قىلدۇرۇلغان، ئەسلىدە ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ غەربىي ۋە شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىستاننىڭ شەرقىي تەرىپى خىتاي ئىشغال ئاستىدا ۋە بۇ يەردە بىر تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىز ئاكادېمىكلار، ئاخباراتچىلار، تەتقىقاتچىلار، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگۈچىلەر بۇ يەرگە دىققەت تارتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا قاتناشتىم ۋە تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار سۆز قىلىش ھەققىنى ماڭا بەردى. مەن ئالدى بىلەن تۈركىستان جۇغراپىيىسى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەييارلىغان 15 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىنى تەقدىم قىلدىم.
-ھۆرمەتلىك تامەر ئەريىگىت ئەپەندى سىزچە بۇ يىغىن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
-تۈركىيىدە قوش تىل يولغا قويۇش ھەققىدە تالاش - تارتىشلار مەۋجۇت، ئەمما تۈرك تىلىغا ئالاقىدار يېتەرلىك خىزمەت ئىشلەنمىدى. كۆكتۈرك كىتابلىرىدىن ئورخۇن ئابىدىلىرى قاتارلىق تۈرك تارىخىنىڭ مەنىۋى بايلىقى بولغان موڭغۇلىستاننىڭ ئورخۇن ۋادىسى، ئۆتۈكەندىكى مەڭگۈ تاشلىرى، كۆك تۈرك كىتابلىرىغا ئالاقىدار يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكى، قەشقەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستان جۇغراپىيىسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە ئۆتكەن ئالىملار ھەققىدە بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىر مەدەنىيەت مەركىزى بىر تەتقىقات مۇنبىرىنىڭ بولمىغانلىقى مېنى داۋاملىق قايغۇلاندۇردى. چوقۇم تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈركىستان جۇغراپىيىسى ھەققىدە بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىمىز بۆلىشى كېرەكلىكىنى ئارزۇ قىلاتتىم بۇ ھەقتىكى پىكرىمنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بايان قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستان بىلەن ئالاقىدار بىر يىغىن ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلدىم. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلدى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىر شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋاسىتە بولىدۇ دەپ قارايمەن.
-ھۆرمەتلىك تامەر ئەريىگىت ئەپەندى، سىز نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى تەتقىق قىلىشنى تاللىدىڭىز؟
-شەرقىي تۈركىستان بەك مۇھىم يەر، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تەكلىماكان چۆلى بىر بىرىدىن گۈزەل مەدەنىيىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بەك گۈزەل يەر، ئەمما ھازىر ئۇ يەرلەرگە خالىغانچە بارغىلى بولمايدۇ. بېرىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ، ئۇ يەر خىتاي ئىشغال ئاستىدا، ئۇ يەرگە بارالماسلىق ئۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك مەناسىغا كەلمەيدۇ، بىز بىلىم ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، بىلىم دەۋرىدە ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا بارالمىساقمۇ، تۈركىستان ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، كۈن تەرتىپكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستاننى يېقىندىن تونۇش ۋە بىلىش كېرەك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۇنيا كۈن تەرتىپىدە بولۇۋاتقان بىر دەۋرىدە ئۇ يەردە ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، مەن پۈتكۈل ئاكادېمىكلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم.
-سىز نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بەك قىزىقىپ قالدىڭىز؟
-ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ بىر پارچىمىز، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ۋە تارىخىمىز بولغان بىر رايون. ئەمما كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ يەردە بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئىنسانىيەت تراگېدىيىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەر شەيئىنىڭ ئەركىن بۆلىشى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر دەۋرىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت، زۇلۇمنىڭ دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلمەسلىكى، مېنى بىر ئاخباراتچى، بىر تۈرك زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەك قايغۇلاندۇردى. مەن شەرقىي تۈركىستاننى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمەن. بۈگۈنكى كۈندە بىز بىلىم دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان تۈرك ئىرقداش قېرىنداشلىرىمىز بۇ بىلىم دەۋرىدە ئىلىم - پەندىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى كۆپلەپ دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەك.
تامەر ئەريىگىت ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تارىخىي ئورۇنلارنى، بازارلارنى سىنئالغۇغا ئالغان ۋە تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، "دەۋرى ئالەم شەرقىي تۈركىستان" دېگەن نامدا بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى ۋە تۈركىيىنىڭ مەشھۇر تېلېۋىزىيە قاناللاردا ئېلان قىلدى. ئىلگىرى ترت، تۋ5 قاتارلىق تېلېۋىزىيىلەردە تارقىتىلغان بۇ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان دەۋرى ئالەم شەرقىي تۈركىستان ناملىق فىلىم 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تگرت تېلېۋىزىيىسىدە،س ھۇ كۈنى ئىككى قېتىم تارقىتىلدى. تامەر ئەريىگىت ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان.