كىتابنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم " تۈركىستانلىق مەشھۇر كىشىلەر" ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن بەش يىل ۋاقىت كەتتى. ئەسلىدە بۇ كىتابتا 2300 شەخسىيەتنى تاللىغان ئىدىم. مۇندىن 20 يىل بۇرۇن بۇ كىتابنى بېسىش رۇخسىتى ئالغان بولساممۇ، ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىكتىن باستۇرالمىغان ئىدىم. ئەمدى مانا ساق 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كىتابتىكى 2300 كىشىدىن 1600 كىشىنى تاللاپ چىقىپ شۇنى باستۇردۇم. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ كىتابنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئاللاھ ماڭا شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاب بەرسە يېتىدۇ."
" تۈركىستانلىق مەشھۇر كىشىلەر" ناملىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى
بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيونلار، ئۆلىمالار ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىن بولۇپ، تەسىرى يۇقىرى بولغان ئاتاغلىق كىشىلەردىن 1600 كىشىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ دۇنياغا كېلىش تارىخىدىن باشلاپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قىلىپ ئۆتكەن ئاساسلىق پائالىيەتلىرى ئىخچام ھالدا يىل، ئاي ۋە ھەتتا كۈنلىرى بىلەن ئېنىق يېزىلغان.
كىتابتا تەرجىمىھالى بېرىلگەن كىشىلەر قايسى تەبىقە ۋە قايسى ساھەنىڭ كىشىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاپتۇر تەرەپسىزلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ھالدا، كىشىلەرنى ئەينەن تونۇشتۇرغان. قىسقىسى، ئاپتور بۇ ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە جاپا چەككەن. كىتابنى ئەرەبچە نەشرگە تەييارلاش ئىشىنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
كىتابنىڭ ھەجمى ۋە ئىلمىي قىممىتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر جۇرنالىست مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ئۆز ۋاقتىدا بۇ كىتابقا مۇقەددىمە يازغان ۋە كىتابنى نەشر قىلىپ تارقىتىشنى ئارزۇ قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى سىرتقى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئىشنى ماختاپ، بۇ ئىشنىڭ يەنە باشقا قەلەم ئىگىلىرى تەرىپىدىنمۇ داۋام قىلىشىغا تىلەك بىلدۈرگەن. كىتاب سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان.
كىتاب چوڭ ھەجىملىك قىلىپ بېسىلغان بولۇپ، جەمى 740 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئاخىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ سۈرەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.