3-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» دا ئېلىنغان قارارلار ئېلان قىلىندى

«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» 26-ئىيۇن بولۇ شەھىرىنىڭ ساياھەت رايونى بولغان سۈننەت كۈلى بويىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 3-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» 19-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىپ 26-ئىيۇن بولۇ شەھىرىنىڭ ساياھەت رايونى بولغان سۈننەت كۈلى بويىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

يىغىندا ئاساسلىقى ھەمكارلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

yighin-qararlar-elan-qilindi-385.jpg
«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» دا قارارلار ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 26-ئىيۇن. تۈركىيە. (RFA/Arslan)

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر -تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە 4 تۈرلۈك ساھە بويىچە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا قارار ئېلىندى، ئېلىنغان قارارلار:

  1. تەلىم -تەربىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش
  2. تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىشىش
  3. دىنى دەۋەت ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمكارلىشىش
  4. ئىقتىسادى ساھەدە ھەمكارلىق دېگەنلەردىن ئىبارەت.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنى ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ۋە قىرغىزىسىتان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى روزى مۇھەممەت ھاجىلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلىغايسىز.