تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ 10 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى چىراغان مېھمانخانىسىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئىشتىراكىسىز ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈل يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، "قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئورتاق تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئورتاق قىممەتتىن ئىبارەت ناھايىتى كۈچلۈك باغلارغا تايىنىدىغانلىقى، بۇ ئاساسقا قۇرۇلغان ئالاقىنىڭ ھۇلىنىنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇن چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدىن پەرقلىق روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ يىغىندا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىقىنى تەشكىلى ئورگانغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدىكى "نەخچىۋان قارارىنى" ئىجرا قىلىش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2009- يىلى 9 - ئايدا ئەزەربەيجاننىڭ نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ئورگانغا تۈركىي دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى، دەپ نام بېرىش، كېڭەشنىڭ كاتىبات باشقارمىسىنى قۇرۇش، تۈركىي تىلىنى كېڭەشنىڭ رەسمىي تىلى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىنغان ئىدى. تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قوشما ئاخباراتىدا كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنىدىغانلىقى، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ئۆز دىئالىكتىنى قوللىنىدىغانلىقى، لېكىن تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىستانبۇل دىئالېكتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەت تىلى، قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئېلان قىلدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىندىن بۇيان تۈركىي دۆلەتلەر بۇرۇنقى خاتالىقنى تۈزۈتۈپ، مۇناسىۋەتنى مىللى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىق ئاساسىغا بىنا قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئاساسىغا بىنا قىلىش يولىنى تۇتۇشقا باشلىغان.
تۈركىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئانالىز مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سىنان ئوغان ئەپەندى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ئەللەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئاساسىغا بەرپا قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا سىياسى رېئاللىقغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۈركىيىنىڭ 1990-يىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان سەددىچىندىن ئادرىئاتىك دېڭىزىغىچە بولغان تۈرك دۇنياسى شۇئارى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى چۆچۈتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "ھازىر بولسا تېخىمۇ، ئەمەلىيەتچان ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن سىياسەت يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇرۇن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شۇئارى يېڭى مۇستەقىل بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى چۆچۈتۈۋەتكەن ئىدى. ئۇلار بۇنداق ماڭسا تۈركىيىدىن بىر تۈركچىلىك ئېقىمىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە يامراپ، ھاكىمىيەت كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رۇسلارنىڭ ئاكىلىقىدىن نارازى بولغان بۇ دۆلەتلەر تۈركىيىنىڭ ئاكىلىق رول ئوينىشىنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار پۇل بىلەن بولاتتى. ئۇ چاغدا تۈركىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەر ئېھتىياج بولغان ماددى تەلەپنى قاندۇرغىدەك كۈچى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر بۇ جۇمھۇرىيەتلەر 20 - 15 يىلنىڭ ئالدىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى نېفىت ۋە تەبئىي گاز كىرىمى سايىسىدا بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى. ھاكىمىيەت بىر قەدەر تۇراقلاشقان........شۇڭا بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھازىرقى مۇناسىۋەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ مەنتىقىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئەھۋالدىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمەمەدوف ئۆتكەن يىلى نەخچىۋاندا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىغا ئۆزى قاتناشماي، ئورۇنباسارىنى ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئىستانبۇلدىكى يىغىنغا ئۆزى شەخسەن ئىشتىراك قىلدى.
ئۆزبېكىستان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشمىغان بىردىن- بىر تۈركىي جۇمھۇرىيەت رەھبىرى. بۇ، كەرىموفنىڭ 1999 - يىلدىن بېرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىشى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر باشلىقلار يىغىنىغا ئادەم ئەۋەتىشنى ئىزچىل رەت قىلىشىدۇر. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەرىموفنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈك سەۋەبلىرى بار ئىكەن. تۈركىيە، 2006- يىلى ب د ت 3 -كومىسسىيەسىنىڭ ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ ھازىرلىغان دوكلاتىغا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. بۇ كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. لېكىن، تۈركىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئانالىز مەركىزىدىكى سىنان ئوغان ئەپەندى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئەندىشىلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى بەزى جامائەت ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەسىلە ئۆزبېكىستانننىڭ مەۋجۇت رەھبەرلىكى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت، دەپ قارىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان تۈركىيىنى بازا قىلغان بەزى جامائەت گۇرۇھلىرىنى ئۆزىگە تەھدىت، دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزبېكىستاندا بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلسا، مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى بىر دىنامىك كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىدىن ، بۇ دىنامىك كۈچلەرنىڭ ئۆزبېكىستان ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۆزبېكىستان، 90 - يىللاردا تۈركىيىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۆكتىچى كۈچلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلاتتى. لېكىن، ھازىرقى تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ھاكىمىيەتتىكى كۈچلەر ئارىسىدا تەرەپسىز تۇرىۋاتىدۇ. مەن ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ئەندىشىلىرىنى ھازىر ئورۇنسىز، دەپ قارايمەن".
كەرىموفنىڭ تۈركىي دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىشى 1998- يىلى يۈز بەرگەن ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلىش ۋەقەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. كەرىموف ئۇنىڭغا سۇيقەست قىلىش ۋەقەسىدە ئەينى چاغدىكى نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ تۈركىيە رەفاق پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمان قىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەرباقاننىڭ 1998 - يىلى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەركىتى رەھبىرى تاھىر يولداشىف بىلەن چۈشكەن رەسىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنىشى كەرىموفنىڭ بۇ مەسىلىدىكى گۇمانىنى كۈچەيتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
سىنان ئوغان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىستانبۇلدىكى يىغىن تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقى تۈرك دۇنياسى ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مۇساپىلارنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ " تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ناھايىتى مۇھىم . لېكىن بۈگۈنكى باسقۇچتا بىرلىكتىن سۆز ئېچىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. تۈرك دۇنياسى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى شۇنداقلا بەزى قوشنىلار بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشى كېرەك. قىرغىزىستاندا ئوخشاش مىللى يىلتىزدىن كېلىپ چىققان ۋە ئوخشاش دىنغا ئىشىنىدىغان ئىككى خەلق بىر - بىرىگە رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. دېمەككى بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ بىرلىشىش نۇقتىسىغا كەلمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتلايدۇ. بىز 90 - يىللاردا چوڭ خاتالىق سادىر قىلدۇق. بىز ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا سىياسى ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق. ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولساق، بۇ كېيىنكى مەزگىللەردە تېخىمۇ ساغلام ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا قولايلىقلارنى ياراتقان بولاتتى" دەيدۇ.
سىئانا ئوغاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىي دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى بىر گەۋدىلىشىش خىتاي ھۆكۈمىتى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەزى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ئۇ، ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىققا بىر سىياسى گەۋدە سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ شەخس سۈپىتىدە مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئىشتىراك قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىي دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، مەمۇرىيەت كومىتېتى، ئاقساقاللار كېڭىشى ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت 5 ئورگاندىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 3- كۈنىنى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەر كۈنى قىلپ بېكىتىلگەنلىكى، تۈرك ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس فوند ئاجرىتىلىدىغانلىقى، تۈركىي ئەللەر ئارىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئالغا سۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
0:00 / 0:00
