14-نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

ھەر يىلى تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ 14-نۆۋەتلىك يىغىنى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن18-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە 16 دۆلەتتىن 22 ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى، 33 دۆلەتتىن 45 ژۇرنالىست، 8 دۆلەتتىن 12 شائىر قاتناشقان. بۇ فېستىۋال جەريانىدا تۈرك دۇنياسى شائىرلار ئۇچرىشىشى ۋە «تۈرك دۇنياسىدا قەتلىئام ۋە سۈرگۈنلەر» ماۋزۇلۇق ئىككى يىغىن چاقىرىلغان. بۇ فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم قاتناشقان بولۇپ، ئۇ «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا سۆز قىلغاندىن باشقا، تۈرك دۇنياسى شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئۆزى يازغان شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەر ئوقۇغان.

yalow-kultur-festiwali1-385.jpg
تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ 14-نۆۋەتلىك يىغىنى. 2011-يىلى ئىيۇل. (RFA/Erkin Tarim)