تۈركىيىنىڭ زونگۇلداق ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي مەدەنىيەت يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋىلايەتلەردە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان زونگۇلداق ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن زونگۇلداق ۋىلايىتىنىڭ قانال «67» تېلېۋىزىيىسىدە پروگراممىغا قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2 سائەت داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سېيىت تۈمتۈرك ئىككى كۈن داۋاملاشقان زونگۇلداقتىكى بۇ پائالىيەتلىرى جەريانىدا زونگۇلداق ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئېرول ئاييىلدىز ئەپەندى، زونگۇلداق شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇھاررەم ئاقدېمىر ئەپەندى ۋە قارا ئالماس ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. مەخمۇت ئۆزەر ئەپەندىلەرنى ئىشخانىسىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

zonguldaq-wilayiti-yighin-zali-385.jpg
تۈركىيە زونگۇلداق ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 23-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

كېيىن قارا ئالماس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننى قارا ئالماس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

قارا ئالماس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئاتىللا ئەفەندىگىلمۇ قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى قارا ئالماس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى در. نۇرەتتىن خاتۇنوغلۇ قىلدى.