تۈركىيىنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

يىللاردىن بېرى تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ پۈتۈن رايونلىرىدا سېستىمىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 21 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتالىيە شەھىرىنىڭ ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00


ئۇ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئاخىرىدا شەھەر باشلىقىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەھەر باشلىقىغا، كەمال قىلىچدار ئوغلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن رەسمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىشىنى، ئاللىبۇرۇن مۆلچەرلەپ كەمال قىلىچدار ئوغلىغا ئېيتقانلىقىنى ۋە بۇ ئاخىرىدا رېئاللىقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خىتايلارنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتايلار بىلەن قېرىنداش شەھەر بولغان ئانتالىيە شەھىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەر بىلەن خىتايدىكىگە ئوخشاش يالغاندىن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي قېرىنداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى ئانتالىيە زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىلەر.