پارلامېنت ئەزاسى جېلال ئەرباي: `تۈركىيە 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ`

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈرك جامائەتچىلىكىگە 20 ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈيلەشكە چاقىرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.25
Parlament-ezasi-Jelal-Erbay-Siyit-Tumturk-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺟﯧﻼﻝ ﺋﻪﺭﺑﺎﻱ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتور جېلال ئەرباي د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىش مۇخبىرلارغا ئوچۇق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى. ئالدى بىلەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تېلېۋىزىيىگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ۋە 20 ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، جېلال ئەرباي ئەپەندى سۆز قىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى جېلال ئەرباي ئەپەندى 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ يۈرىكىمىزنى زىدىلەيدىغان، ئۇيغۇر دىيارىدا قان ئېقىشنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، خىتاينىڭ شىددەتكە تايانغان بىر پوزىتسىيىنىڭ داۋامى دەپ قارايمەن. يەنى 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن 27 كىشى چەتئەلگە قېچىپ چىققان. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان نەرسە ياشاش ھەققى. بۇلار ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ ئۇ يەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىدىن پاناھلىق تىلىگەن تۇرسا، كامبودژا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە رىئايە قىلماستىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ ھەم ئىنسانىي ھەمدە قانۇنىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى بولسا دۈنيا دۆلەتلىرى نېمە دېسە ‏ -  دېسۇن، مەن قىلىدىغىنىمنى قىلىمەن دەپ زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس."

تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى جېلال ئەرباي ئەپەندى باياناتىدا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ 20 ئۇيغۇر ھەققىدە تۈركىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزاسى، ب د ت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ روھىغا ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسلانغان ھالدا ، بۇ 20 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بايان قىلىنغىنىدەك، تۈركىيە بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. بىز پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ كىشىلەرنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن سۈرۈشتە قىلىمىز."

جېلال ئەرباي ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: "بىز ئۈچۈن ئىنسانلار قىممەتلىك. ئىنساننىڭ ھاياتى قىممەتلىك. ئىنسانلار مۇقەددەس. پۈتۈن ئىش ئىنسانلىق ئالىمى ئۈچۈن. بىز ئىنسانلارنىڭ تىلىغا، دىنىگە ۋە يۇرتىغا قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمايمىز. بىز ئۈچۈن بىر فرانسۇزنىڭ ھاياتى قانچىلىك قىممەتكە ئىگە بولسا، بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىمۇ شۇنچىلىك قىممەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىز ھىچ كىمنىڭ زۇلۇم چېكىشىنى خالىمايمىز، ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلساق، باشقىلار ئۈچۈنمۇ شۇنى تەلەپ قىلىمىز."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 25, 2009 01:42 PM

ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﺍ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﯬﻣﻤﺎ ﯬﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ 20 ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﯴﭼﯜﻧﻤﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯬﻣﯩﻠﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ.