تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2008 - يىللىق ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىگە رەسمىي ھەيئەت بىلەن قاتناشماقچى

ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يەرمەنكىگە ھەر يىلى خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا يەنە بەزى دۆلەتلەر دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان رەسمىي ھەيئەتلەر بىلەن قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن بۈگۈنگىچە ئۆز ئالدىغا يەرمەنكىگە قاتناشقان بىر قانچە شىركەت سىرتىدا، دۆلەتنىڭ رەسمىي ھەيئىتى تېخى قاتنىشىپ باقمىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما بۇ قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىجارەت مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمەننىڭ باشچىلىقىدىكى رەسمىي ھەيئەت بىلەن 2008 - يىللىق ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئىستانبۇل مەدەن ۋە مېتال ئىمپورت ۋە ئېكىسپورتچىلىرى بىرلىكىنىڭ تور بېكىتىدە مەزكۇر يەرمەنكە ئۈچۈن سودىگەر چاقىرىش ئېلانى چىقىرىلغان.

سودىگەر چاقىرىش ئېلانى "يىپەك يولىغا ئېچىلىشنى خالامسىز؟" دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ، ئېلاندا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2006 - يىلىدىن بېرى خىتايغا دۆلەت ئىستراتېگىيىسى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا تىجارىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقى، شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ 2008 - يىللىق ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىگە رەسمىي ھەيئەت ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى يېزىلغان.

سودىگەر چاقىرىش ئېلانىدا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جۇغراپىيىدە بولۇشى شۇنداقلا ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە، بۇ رايوننىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىتىگە ئېرىشىشىدىكى ۋاستە بولۇپ "ئېنېرگىيە كارىدورى" ھالىغا كەلگەنلىكى ۋە رايون خەلقىنىڭ كىشى بېشىغا چۈشىدىغان مىللىي كىرىمنىڭ 2000 دوللار ئىكەنلىكى يېزىلغان.

تۈركىيىدىن كېلىدىغان بۇ ھەيئەت شەرىپىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى زىياپەت بېرىدىغان بولۇپ، تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمەنمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نامىدىن ئۈرۈمچى شېرىتون مېھمانخانىسىدا زىياپەت بېرىدىكەن. كۈرشاد تۈزمەن زىيارەت جەريانىدا ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە، قەشقەرگىمۇ بارىدىكەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەر دائىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يۈزىدىن داۋالغۇپ تۇراتتى. خىتاي، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت تۈپەيلى ئەسلا تۈركىيىگە ئىشەنمەي كەلگەن ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ رەسمىي ھەيئەت ھالىتىدە دۆلەت مىنىستىرى بىلەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟ بۇ تىجارىي مۇناسىۋەتلەر ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشامدۇ ياكى قۇرۇق قەغەز پېتى قالامدۇ؟

ئەگەر بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىز.