باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دۈنيا جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىشكە، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.
بۇ بايانات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 3 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ئىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كامبودجا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنماي 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كېيىن زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىز پارلامېنتلار بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە بارماقچى ئىدۇق. خىتايلارمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا تازا قىزىقمىدى. ئۆتكەندە بىز ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزالىرى رەئىس جۇمھۇرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە چەت دۆلەتلەردە ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئويلىشىپ ئىش قىلىڭلار دېدى."
ئاخىرىدا، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەلەپلەر بايان قىلىنغان بىر دوكلاتنى تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈلگە تاپشۇردى.
بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمىلەر بولدى؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.