5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ۋەقەسىدىن كېيىنلا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىم تۈركىيە رەئىسى جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل جۈمە نامىزىدىن چىقىۋېتىپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىز بىلەن كۆرۈشكەن ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى بىزنى قايغۇغا چۆمدۈردى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. بىز تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردىن كۆرگىنىمىزگە قارىغاندا نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي دۆلىتى بۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.»

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتالىيىدە تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە بىر مۇخبىرنىڭ «سىز ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېدىڭىز، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىزنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا «ئۈرۈمچى ۋەقەسى خۇددى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن گەپنى مەن قىلدىم. بۇ سۆزۈمدىن تېنىۋالغىنىم يوق. چۈنكى يۈزدىن كۆپ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان. بۇ ۋەقەنى خۇددى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزدىن باشقىسى ئىپادە قىلالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش ۋە دىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق دېيىشكە مەجبۇرمىز» دېگەن ئىدى.

كېيىن تۈركىيە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى بايانات بېرىپ تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ باياناتلىرىغا قارشى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى گوڭ شياۋشېڭ بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى گۇماشتىلىرى ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ئەلچىسى باياناتىدا يەنە ئەگەر تۈرك رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ ھېقىقى ئەھۋالىنى بىلسە بۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن بۇ باياناتلىرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى 15 كۈن تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكلا بىئارام قىلغان بولسا كېرەك، خىتاي تۈرك خەلقىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھەر ساھەنىڭ ۋەكىللىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە زىيان كۆرگەن خىتايلارنىلا كۆرسەتكەن ئىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى بۇ ئىككى يىل جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 8 توختامنامە تۈزۈلدى.

تۈركىيىدە 8 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇۋاتقان «ئادالەت تەرەققىيات پارتىيىسى»نىڭ بۇ قېتىمقى سايلام ۋەدىنامىسىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋام قىلىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى تۈرك خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.