تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما تارقاتتى

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ تۈرلۈك ماقالە ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-07-06
Share
turkiye-teliwiziye-urumchi-weqesi1-305.jpg تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە تارقاتقان مەخسۇس پروگراممىسى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىر قوزغىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «ترت-تۈرك» قانىلى تارقاتقان 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە ئائىت مەخسۇس پروگراممىدۇر.

بۇ پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك قاتناشقان ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تېلېفون ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرغان. مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ھاقارەتلىگەنلىكىگە ئائىت ۋىدېئو لېنتىسىمۇ كۆرسىتىلگەن.

turkiye-teliwiziye-urumchi-weqesi2-385.jpg
تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە تارقاتقان مەخسۇس پروگراممىسى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئەركىن تارىمنىڭ مەزكۇر پروگرامما ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت