0:00 / 0:00
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىر قوزغىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «ترت-تۈرك» قانىلى تارقاتقان 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە ئائىت مەخسۇس پروگراممىدۇر.
بۇ پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك قاتناشقان ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تېلېفون ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرغان. مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ھاقارەتلىگەنلىكىگە ئائىت ۋىدېئو لېنتىسىمۇ كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئەركىن تارىمنىڭ مەزكۇر پروگرامما ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.