ئەنقەرەدە '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل يىغىنلارنى چاقىرماقتا.

0:00 / 0:00

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىجارەت ۋە ساياھەت فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى" تېمىسىدا يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىن ھەققىدىكى ئېلان گۆلباشى رايونىنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئېلاندىكى رەسىملەر كىشىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغايدۇ.

ئەنقەرە گۆلباشى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئۈرۈمچىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ، بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى فاكۇلتېتى مۇدىرى نەۋزات ئايبېك ئەپەندى سۆزلىدى.

ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى" تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بولسا "چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى.

در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، بۇرۇن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قارالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

در. ئەركىن ئەكرەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.