'تۈركىيە گۈنلۈگۈ' ۋە ئۇنىڭدىكى ماقالىلەر ھەققىدە سۆھبەت (2)

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا `تۈركىيە گۈنلۈگۈ` يەنى تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژۇرنالنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەخسۇس سانى ۋە ئۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق. بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە.

0:00 / 0:00

ئەركىن تارىم: سىز ماقالىڭىزدا خىتايلارنىڭ 1960 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىپسىز. بۇرۇن بۇنداق بىر سىياسەت يوقمىدى؟

ئالىمجان ئىنايەت: خىتاي كومۈنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتى 1960 - يىللاردا ئېلىپبە ئىسلاھاتى بىلەن رەسمىي باشلانغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق سىياسەت يوق ئىدى دېگەنلىك ئەمەس. بۇ پەقەت خىتاي كوممۈنستلىرىغا قارىتا ئېيتىلغان. خىتاي كوممۈنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۈلگە قىلىپ بۇ رايوندا بىر مۇنچە ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ناھىيىلەرنى تەسىس قىلغان، كوممۈنىستلەرنىڭ ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنى قۇتقۇزۇش، ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش دەيدىغان پروگراممىسى بويىچە دەسلەپتە ئۇيغۇر خەلقىغە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولغان ئىدى. يەر ئىسلاھاتى، يەرلىك مىللەتچىلىككە ۋە چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن 1950 - يىللار ئۆتۈپ كەتتى. خىتاي كومۈنىستلىرى 1960 - يىللاردىن ئىتىبارەن بۇرۇنقى مۇئاملىسىنى ئۆزگەرتىپ ئەسلى ئەپتى ‏ - بەشىرىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھالبۇكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلىياتسىيە ھەرىكىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىتىبارەن باشلىغان ئىدى.

ئەركىن تارىم: 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

ئالىمجان ئىنايەت: ئەگەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ سىياسەت بىلەن بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى ئېغىر زىددىيەتلەر كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز.

مەسىلەن، خىتاي دۆلىتى پۈتۈن ھوقۇقلار مەركەزگە توپلانغان مەركەزىيەتچى بىر دۆلەت. خىتاينىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولىدۇ. يەنى مەركەزنىڭ قاتتىق كونترول سىياسىتى يەرلىك ئاپتونومىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىگە يول قويمايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىمىز دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەدەنىيەت ئاسىمىلىياتسىيىسى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يولغا قويۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتونومىيە ھەققى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇلار ناھايىتى زىددىيەتلىك مەسىلىلەردۇر. بۇ سىياسەت بىلەن ھەم بىر مىللەتنى ئاسىمىلىياتسىيە قىلىش ھەم ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەقىلگە، مەنتىقىغە سىغمايدىغان نەرسە.

Turkiye-gunlugu-Uurmqi-sani-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮔﯜﻧﻠﯜﮔﯜ" ﻳﻪﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يەردە يە ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدىن ياكى ئاپتونومىيىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئىككى سىياسەت تەڭ يولغا قويۇلىدىغان بولسا، مەنتىق بويىچە بۇلارنىڭ بىرى ساختا ۋە يالغان بولىدۇ. خىتاي ئاسىمىلىياتسىيە نىيىتىدىن ۋازكەچمىگىنىگە قارىغاندا، بۇ يەردىكى ئاپتونومىيەنىڭ ساختىلىقى ئېنىق. خۇ ياۋباڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسىمىلىياتسىيە قىلىشنى توختىتىپ ئۇلارغا بىر ئاز ئەركىنلىك بېرىشنى، دېموكراتىك ھەقلەرنى بېرىشنى، ئاپتونومىيە ھەققى بېرىشنى ئويلىغاندا، بېشىغا كەلگەن پالاكەتنى ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاينىڭ ئىچىدە لىبېرال زىيالىلارمۇ يوق ئەمەس، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيە ۋە سىياسىي ھەقلەر بېرىشنى ئويلىسىمۇ، ئىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدە ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھېچقانداق تەسىرى يوق. زىيالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي مىللەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان.

خىتايدا دۆلەت ئىچىدە دۆلەت بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. خۇ ياۋباڭنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلار دەل مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكى يەنە بىر دۆلەتتۇر. شۇڭا خىتايدا ئاق نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئاسان ئەمەس. ئەمدى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا بەش تۈركىي دۆلەت مۇستەقىل بولدى. بۇ ۋەقە خىتاينى چۆچۈ تىۋەتتى، ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مۇمكىن ئەمەس، خام خىيال دەپ قارايدىغانلارمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشى ئىھتىمالى بارلىقىنى ئويلاشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدا خىتاي ھاكىمىيىتى 1990 - يىللارغا قەدەر يۇمشاق بىر شەكىلدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى بىردىنلا چىڭىتىشقا باشلىدى. 1990 - يىللارغا قەدەر يولغا قويۇلغان ئۇيغۇرچە مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ خىتايچە مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ چارە ‏ - تەدبىرلىرىنى ئويلاشقا باشلىدى ۋە 1997 - 1998 - يىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرچە مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى چىقاردى. 2003 - يىلىدىن ئىتىبارەن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھازىر بۇنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي 1991 - يىلىدىن كېيىن بۇرۇنقى ئىختىيارى، كۆڭۈللۈك ئاسىمىلىياتسىيىنى تاشلاپ مەجبۇرىي ئاسىمىلىياتسىيىنى باشلاتتى. خىتاي كوممۈنىستلارنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇشى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئۆز ئىرادىسى بويىچە، ئىختىيارىي ۋە كۆڭۈللۈك بولىدۇ، يەنە بىرى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىدۇ. خىتاي كوممۈنىستلىرى ئىختىيارىي ۋە كۆڭۈللۈك ئاسسىمىلىياتسىيە ئۈچۈن ئۇيغۇن شەرت - شارائىت يارىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان ئىدى. ھازىر بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ زوراۋانلىق بىلەن مەجبۇرىي ئاسىمىلىياتسىيىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن ئېشىنچا كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ئىچكىرىگە يۆتكەش ھەرىكىتى ۋە قوش تىللىق مائارىپ خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ 1991 - يىلدىن كېيىنكى يېڭى يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەركىن تارىم: سىز ماقالىڭىزدە خىتايلار ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن بېسىم ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى، `خىتاينىڭ ' شىنجاڭ ئەزەلدىن مېنىڭ زېمىنىم، نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى' دېگەن پوزىتسىيىسىگە باغلىق دەپسىز. سىز يەنە بۇ سىياسەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپسىز، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولارمۇ؟

ئالىمجان ئىنايەت: خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى تاشقى دۇنياغا خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تونۇتۇۋاتىدۇ. خىتايلار ئارىسىدىمۇ شىنجاڭ خىتاي زېمىنى بولغىنىغا قارىغاندا، بۇ يەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر قانداق سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ھەققى بار دەپ قارىلىۋاتىدۇ. كۆچمەن يۆتكەش، ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش، پلانلىق تۇغۇت، خىتايچە مائارىپ، تەبىئى بايلىقلارنى ئىشلىتىش ھوقۇقى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئائىت، بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقى يوق دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ھەقىقەتەن خىتاي زېمىنى بولغان بولسا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايتتى. لېكىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇنى خىتايلارمۇ بىلىدۇ. بۇنى بۇ يەردە مۈنازىرە قىلىشقا ھاجەت يوق.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ "شىنجاڭ مېنىڭ زېمىنىم، بۇ يەردە نىمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى" دەيدىغان پوزىتسىيىسى ھەممىمىز كۆرگەندەك 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى تۇنجى ۋەقە بولمىغىنىدەك، ئاخىرقى ۋەقەمۇ ئەمەس. مەن ماقالەمدە خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ تامامەن مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىدىم. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچكىنى يوق. ۋاز كېچىدىغاندەكمۇ كۆرۈنمەيدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر زېمىنى ئىكەنلىكى، خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ يۈزلىنىش خىتاينىڭ نوقتىنەزىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نوقتىسىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.

ئەركىن تارىم: نېمە ئۈچۈن ئۇنداق دەيسىز؟

ئالىمجان ئىنايەت: ئۇيغۇر خەلقى ئويغىنىپ كەتتى، مىللىي ئېڭى ئۆستى، مىللىي كىملىكى بەرپا بولۇشقا باشلىدى. خەلقئارادىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار، مەتبۇئات ۋە ئۇچۇر - ئالاقە جەھەتتىكى تەرەققىياتلار ھېچقانداق كۈچنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەجبۇرلاشلىرى، زوراۋانلىقلىرى، بېسىملىرى شەرقىي تۈركىستاندا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، ئاسىملىياتسىيە سىياسىتىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئويلاشقا باشلىشى كېرەك. چۈنكى باشقا يول يوق.

ئەركىن تارىم: سىز ماقالىڭىزدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قاراپ خىتاينىڭ بۇ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى دەپسىز. بۇنداق دېيىشىڭىزدىكى سەۋەپ نېمە؟

ئالىمجان ئىنايەت: مەن ۋەقەدىن كېيىن مەركەزدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئوقۇپ باقتىم. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، سىياسى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش، خەلققە ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەشكە ئوخشاش بۇرۇنقى گەپلەر تەكرارلانغان بولۇپ، يېڭى ھېچقانداق گەپ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە جاۋابكارى بولغان ۋاڭ لېچۇەن ۋە نۇر بەكرىلەر ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلانمىدى. ئەكسىچە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرى ماختالدى. بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى. بۇ ئەينى زاماندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنىڭمۇ بىر بىشارىتى.

ئەركىن تارىم: خىتاي ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي داۋام قىلدۇرسا ئۇيغۇرلار قانداق قىلار سىزچە؟

ئالىمجان ئىنايەت: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ھەممە ساھەدە داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە قارشى چارە ‏ - تەدبىرلەرنى ئويلاپ چىقىشى ۋە بۇلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگراممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىنى سۆيۈش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغاش، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا خىتايچە سۆزلەشنى نومۇس دەپ بىلىش، مىللىي كىيىم كىيىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، دىنىي تەربىيىنى كۈچەيتىش، خىتايلارغا خاس تۇرمۇش ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىنى تاشلاپ ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشقا ئوخشاش نۇرغۇن چارە ‏ - تەدبىرلەرنى ئويلاپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇلار مىللىتىمىزنى ئاسىمىلىياتسىيىگە قارشى قوغدايدىغان بىر قالقان.

يەنە بىرى، خىتاي كۆچمەنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا پۇل تاپىمىز دەپ كېلىدۇ. ئۇلار تاپقان پۇل ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى. شۇڭا تىجارەت قىلغاندا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار بىلەن تىجارەت قىلىشى كېرەك. بۇنىمۇ مىللىي ئاڭنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چارە ‏ - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.