ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزدى

2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىگە يىغىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00


يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تۇرغۇت بايقال، تىبەت يۈرجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەميىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سەركان دىنچتۈرك قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشتى. يىغىنغا قاتنىشالمىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشقا مۇھىم ئىش چىقىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاقىت يار بەرمەي كېلەلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ئاساسلىقى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قانداق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت - پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى، نەتىجىدە 1 - ئىيۇلدىن 10 - يىلغىچە پائالىيەت قىلىش، بۇ پائالىيەتلەر قاتارىدا، ئىستانبۇلنىڭ بىر قانچە ئورۇندا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئىپادىلىگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارارلار ئېلىندى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتكە پائالىيەت توغرىسىدا كېرەكلىك تەييارلىق قىلىش خىزمەتلەر بەلگىلەندى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نام ئاستىدا بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش بۇ نام ئاستىدا كاتىباتلىق قۇرۇش قارار قىلىنىپ باش كاتىپ بەلگىلەندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش، نامايىش قىلىش شۇنداقلا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش توغرىسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇن ۋە ۋاقىتلىرى بەلىگىلەنگەن بولسىمۇ بۇلارنى ھازىرچە ئاخباراتلاردا ئېلان قىلمايدىغانلىقى قارار قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.