ئاقساراي شەھەر باشلىقى: ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىنمۇ چوڭ بىر تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان خەلق

ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركلەر كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇش ئۇ يەردە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاينى تونۇتماقتا.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ بۇنىڭغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 24-دېكابىر كۈنى د ئۇ ق ھەيئىتى ئاقساراي شەھىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا شەھەر باشلىقى نەۋزات پالتا ئەپەندىمۇ قاتناشقان ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلىدۇق.

سوئال: سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە ئويلايسىز؟
نەۋزات پالتا: ئاقسارايلىقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتساقمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلار زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار ھامان سەزگۈرلۈك مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. دۇنيانىڭ قەيىرىدە زۇلۇم بولسا بىز تۈرك مىللىتى ئىنكاسى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى كوممۇنىزمنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ئىڭرىغان، ئەرزىيەت ۋە مۇشەققەت چېكىۋاتقان بىر خەلق ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمان تۈرك قوۋمى. بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ خەلق تۈركىيە نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك نوپۇسقا ئىگە بىر خەلق. بۇ خەلق تۈركىيىدىنمۇ چوڭ بىر تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان خەلق. بىز ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار. ھۆكۈمىتىمىز ۋە باش مىنىستىرىمىزمۇ بۇ تېمىغا ئالاھىدە قارايدۇ. بەزى ئىنسانلار تۈركىيىنىڭ بىرمىدا نېمە ئىشى بار دېيىشىدۇ. بىز چوڭ دۆلەت بولۇشقا لايىق ئىش قىلىۋاتىمىز. چوڭ دۆلەتنىڭمۇ دەردى جىق بولىدۇ. كىچىك دۆلەتلەر ئۆزى دەردى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. يەنە بېزىلەر تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، كەركۈكتە، دەمەشىقتا نېمە ئىشى بار دەيدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنىمىز چوڭ دۆلەتلەرنى قۇرۇش. بىز پۇلۇڭ پۇشقاقتىكى ئۇششاق دۆلەتلەردىن ئەمەسمىز. بىز سەلچۇق ئىمپېرىيىسى، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىگىسىمىز. كەم دېگەندىمۇ ئون ئەسىرلىك تارىخىمىز بار. بىز چوڭ بىر دۆلەتمىز. شۇڭا مەيلى ھىندىستان، مەيلى مىسىر، مەيلى سۈرىيە، مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن مەسىلىلا بولىدىكەن بىز ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرىمىز. مەسىلىگە مۇشۇنداق قارىغۇلۇق. يەنى، تۈرك مىللىتى، تۈركىيە جەمئىيىتى بۇنى چۈشىنىپ يېتىشى لازىم. مەن خەلقىمىز بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلالىسىلا خۇدا خالىسا ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياردەم بېرىش تەرەپتارىدا تۇرىدۇ، دەپ قارايمەن.

سوئال: يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كېلىۋاتقان تۈرك باشلىقلىرىنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. سىزمۇ بېرىپ ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بىلەن ئاقساراينى قېرىنداش شەھەر قىلىشنى ئويلامسىز؟
جاۋاب: ئاللاھ نېسىپ قىلىدىغانلا بولسا مۇمكىن بولىدۇ. نېمىشقا بارمىغۇدەكمىز؟ ۋالىمىزمۇ بىر قانچە يىل ئاۋۋال بېرىپ كەلدى. ئۇ بىزگە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك قوۋمىنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقىنى كۆرۈپ قانداق يۈزىگە سۈرتۈپ كەتكەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. يەنى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز كىملىكىنى ۋە دىنىنى تېخى يوقاتقىنى يوق. ئازراق چەتنىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى يىللاردىن بۇيان كوممۇنىزمنىڭ ئاسارىتىدە قالدى. ھازىر تۈركىيىنىڭ ھالىغا سەپسالىدىغان بولساقمۇ، كىملىكى تۈرك، دىنى مۇسۇلمان، ئەمما ئۆز كىملىكىدىن چەتنىگەن. ئۈستىدىكى ئازراق چاڭ-توزاننى سۈرتۈۋەتسەڭ يەنىلا ئەسلىگە قايتىدۇ. بىز بۇ يەردە ئەركىن ياشاۋاتىمىز ئەمما، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى كوممۇنىزمنىڭ رېجىمى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ئېتىقادىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى قوغدىيالىشى ئۇنچىۋالا ئاسان بىر ئىش ئەمەس. ئاللاھ بىر كۈنى ئىشىكىنى ئاچار، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشقىمۇ نېسىپ بولار.

سوئال: سىز بىر سىياسەتچى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ ئاياقلىشىشى ئۈچۈن نېمە ئىشلار قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز:
جاۋاب: ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئايلىنىشى لازىم. ھەر يەردە گېپى بولۇشى لازىم. تۈركىيە بىرمىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ئەھمەد داۋۇتئوغلى ئۇ يەرگە باردى. ئەتە ئۆگۈن تېخىمۇ چوڭ باشلىقتىن بىرسى بارسا يەنە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا تۈرك مىللىتى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى بار. ئۇلار ھەقىقىي ئىگە چىقسا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ قولىنى تارتىدۇ دەپ قارايمەن. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئېچىلغان ھەربىر يىغىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر خەلق بىلمىسە يىراق بىر يەردە بىزگە ئوخشايدىغان بىر خەلق بار دەيدۇ، ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىم تېلېۋىزورلاردا چىقىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. شۇڭا مەن بۇ تېمىدا يىغىنلارنىڭ چاقىرىلىپ تۇرۇشىنى پايدىلىق دەپ قارايمەن.

سوئال: شەرقىي تۈركىستاندىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر تۈركىيىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئاقسارايغا كېلىپ قالسا قەيەرلەرنى ساياھەت قىلسا بولىدۇ؟
جاۋاب: شەھىرىمىز ئاناتولىيە شەھىرى. بۇ شەھەرلەر تارىختىن بېرى ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى بولۇپمۇ، سەلچۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرى بولۇپ كەلگەن. ئاقساراي تارىخىي تۈسكە ئىگە بىر شەھەر. ئەۋلىيالارنىڭ شەھىرى. ئەجدادلىرىمىز بۇ يەرگە گۈزەل يادىكارلارنى قالدۇرغان. سومۇنجى بابا بار. ئۇلۇ جامىئە، زىنجىرجى مەدرىسىسى، ھامماملىرى ھەممىلا يەردىن تارىخىي پۇراق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاقسارايغا كېلىدىغانلا بولسا، ئۇلار ئاناتولىيىدىن ئىزدەۋاتقان بارچە تۆرە، مۇسۇلمان تۈرك ئىنسانلىرىنىڭ بارچە قىممەتلىرىنى بۇ يەردىن تاپالايدۇ.