بىرىنچى بولۇپ ئاقساراي ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئاقساراي ئۈنىۋېرسىتېتى مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى ئويۇشتۇرغان بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاقساراي ۋالىسى سەلامى ئالتىنوق ئەپەندى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ھەيئىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ۋالىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن، ئاقساراي شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى نەۋزات بالتا ئەپەندى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى. كەچتە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىياتىر زالىدا ئاقساراي خەلقىگە شەرقىي تۈكىستان ھەققىدە دوكلات بېرىلدى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئاقساراي شەھىرىنىڭ باشلىقى نەۋزات پالا ئەپەندى قىلدى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئاقسارايدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە خىتاي، تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.