تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سايلىمى ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار

400 دىن ئارتۇق ۋەخپى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان "تۈركىيە ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرى"نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان تۈركىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش سايلىمىدا قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئاۋازىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئوسمانىيە مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، تۈركىيىنىڭ سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ راينى سىناش سايلىمىدا ئاۋاز بېرىش ياكى بەرمەسلىك پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان راي سىناش سايلىمغا، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلۇش ياكى قوشۇلماسلىق ھەققىدىكى ئۆزلىرىنىڭ رايىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى، سامان يولى، قانال 24 قاتارلىق تىلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە كۆپلىگەن گېزىت مۇخبىرلىرى قاتناشتى. يىغىندا ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ خەلققە ئېلىپ كېلىدىغان پايدا - مەنپەئەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خەلقنى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

يىغىنغا بىر قانچە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە تۈركىيە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي تەرەپلىرى ھەققىدە توختىتىلىپ، تۈركىيىنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك دۆلەت بولسا، ئۇيغۇرلارغا شۇنچىلىك ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە، تۈركىيە ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال : سىز رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ جان - جىگىرىمىز، ئاتا يۇرتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈلپەتلەرنى بىزگە كەلگەن كۈلپەت دەپ قارايمىز، پۈتكۈل تۈرك مىللىتى بۇ ھېس تۇيغۇ بىلەن ياشايمىز. شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈرك مىللىتىنىڭ يۈرىكىنى يارىلىدى ۋە ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى ئەمەلىيلەشتۇرۇۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا سەھنىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ھۆكۈمەتتىن كۈتۈۋاتىمىز ۋە تەلەپ قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز كۆرسىتىۋاتقان قارشلىقلار ئىنسانىيەت پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك شەرەپنىڭ بىر تۈرى. شۇنچىۋالا باستۇرۇش ۋە زۇلۇم بولۇۋاتسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلار يالغۇز ئەمەس، 72 مىليون تۈرك مىللىتى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنى يۈرەكتىن ئەسلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە پۈتۈن غەيرەت بىلەن خىزمەت ئىشلەشنى داۋام قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمغا ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.