خەلقئارالىق تۈركىيە - ئاسىيا قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.23
2008.05.23
قۇرۇلتايغا رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 34 نەپەر ئالىم، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت مىنىستىرلىرى، دىپلوماتلار ۋە ئەلچى خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 200 دىن ئارتۇق شەخس ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى مەقسىتى، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يېڭى بىر ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ، ئاسىيانىڭ سىياسىتى توغرىسىدا ، خىتاي، ھىندىستان، ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتلەرنى كۈزدە تۇتۇپ، ئاسىيادا يېڭى بىر ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر بەلگىلىمە لايىھىلەش ئىكەن.
قۇرۇلتاينىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىغا تۈركىيە - ئاسىيا ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ دېرىكتورى دوكتۇر ئەلى ئەنگىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتايدا، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن كەلگەن پروفېسسور تەتقىقاتچى ئالىم مىخائىل تىتارەنكو ، تۈركىيە - ئاسىيا ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇلايمان شانسوي ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
قۇرۇلتايدا، ئامېرىكىنىڭ مېگىچەن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتۇر نورمان گراھام "ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقلارغا تەھدىت ۋە جەريانلار " دېگەن تېمىدا، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن كەلگەن پروفېسسور تەتقىقاتچى ئالىم مىخائىل تىتارەنكو "رۇسىيە ، خىتاي، ھىندىستان : ئورتاق تىنچلىق، يېڭىلىقلار نامىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق بەلگىلىمىلىرى" دېگەن تېمىدا،
ھىندىستان سىياسىي تەتقىقات مەركىزىدىن پروفېسسور دوكتۇر براھما چېللانى "خىتاي، ھىندىستان، رۇسىيەنىڭ ئۈچبۇلۇڭلۇق ئىستراتېگىيىسى: يۈز يىل ئىچىدىكى بىر ئاسىيا" دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنۋېرىسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتۇر نادىر دۆلەت ئەپەندى، "ئاسىيانىڭ سىياسىتى ۋە تۈركىيە" دېگەن تېمىدا، ئامېرىكىنىڭ ھېرىتەج فوندىدىن دوكتور ئارىيېل كوھېن "21 - ئەسىردە ئاسىيا ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ، رۇسىيە ، كاۋكاز دېڭىزى ۋە خىتايغا بولغان تەسىرى" دېگەن تېمىدا، ئەنگىلىيىنىڭ كىڭ ئىنىستىتۇتىدىن دوكتور ھارش پېنت، رۇسىيە ، خىتاي، ھىندىستان ئىستراتېگىيىنىڭ ئۈچلۈك بۇلۇڭىمۇ" دېگەن تېمىدا، تۈركىيە تاشقى مىنىستىرلىكىدىن ئايدەمىر ئەرمان ئەپەندى، "ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاسىيا گىئوسىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيىسىگە بولغان تەسىرى" دېگەن تېمىدا، ياپونىيىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدىن دوكتۇر ھىرانو ماتسۇتانى ئەپەندى،" ياپونىيىنىڭ ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىغا قوشقان تۆھپىسى" دېگەن تېمىدا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن دوكتۇر رەسۇل مۇساۋى "ئاسىيا بىخەتەرلىكى ۋە ئىران" ھىندىستاننىڭ جاۋاھىرلال نەھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتۇر كۇلبھۇشان ۋارىكو ئەپەندى، "دىنى رادىكالىزم ۋە تېررورىزىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتور نادىر دۆلەت ئەپەندى، "ئاسىيانىڭ گىئوسىياسىتى ۋە تۈركىيە" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت خىتاي بىلەن ھىندىستان، بۇ ئىككى دۆلەت پەن - تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىمىز، تەدرىجى قويۇقلاشتى، تۈركىيە بازىرى ئاياغ كىيىمى ،ئويۇنچۇق، موتىرسىكىلىتكە ئوخشاش ئەزان، سۈپەتسىز خىتاي ماللىرى بىلەن تولۇپ كەتتى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيىدىكى كۆپلىگەن زاۋۇت - كارخانىلار تاقىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ھەر خىل بېسىم، ھىندىستان بىلەن كونا ئىتتىپاقدىشىمىز پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تۈركىيىنى قايغۇلاندۇرىدىغان ئامىللاردۇر. تۈركىيە سىياسى ۋە جۇغراپىيە جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا ئارىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر."