بۇ قانالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنقەرەدىكى ئاناتولىيە زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ت ر ت ئاۋاز قانىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل سۆز قىلىپ، `ترت ئاۋاز قانىلى تۈرك دۇنياسىغا ئاۋازىنى يەتكۈزىدۇ` دېدى.
تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزيە ئىدارىسى 41 يىللىق تارىخى جەريانىدا داۋاملىق ھالدا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈن يېڭى بىر قەدەم تاشلىدى يەنى يېڭى ئېچىلغان قانىلى ترت ئاۋاز ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭرى جۇغراپىيىگە يەنى تۈرك دۇنياسىغا ئاۋازىنى تارقىتىشقا باشلىدى.
بۇ قانال سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىغا ئازەربايجان، تۈركمەن، ئۆزبەك، قىرغىز ۋە قازاق تىللىرىدا تارقىتىلىدىىغان بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرگىمۇ يەر بېرىلىدىكەن. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە رېئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل ئېچىلىش نۇتقىنى قىلدى. ئۇ تۇركىيە راديو تېلېۋىزيە ئىدارىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بۇ قانىلىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلىدى.
كېيىن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە پارلامەنتى باشلىقى كۆكسال توپتان، دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن، تۈركىيە مەدىنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي ۋە تۈركىيە راديو تېلېۋىزيون ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم شاھىن ئەپەندىلەر سەھنىگە چىقىپ ترت ئاۋاز ئىسىملىق قانالنى رەسمى خىزمەتكە ئاچتى.
سەھنىگە قويۇلغان چوڭ تېلېۋىزىيوندا ترت ئاۋاز خېتى كۆرۈنۈشى بىلەن، زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. كېيىن تېلېزيوندا باكۈ، تاشكەنت، ئاشقابات، بىشكەك ۋە ئاستانىلار كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، قەشقەر ھېيىتكا مەسچىتىنىڭ رەسىمى بىلەن 12 مۇقام ئورۇنلاۋاتقان ئۇيغۇر مۇزىكانتلار كۆرسىتىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئازەربايجاندىن كەلگەن داڭلىق ناخشىچىلار ناخشا ئورۇنلىدى. ئازەربايجانلىق داڭلىق ناخشىچى ئېيتقان `چىرپىنادۇ قارادېڭىز` يانى دولقۇنلايدۇ قارادېڭىز دېگەن ناخشا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى تارقان 5 ناخشا ئوقۇدى، ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىشى بىلەن زالدى گۈلدىراس ئالقىش ساداسى قاپلىدى.
ئېچىلىش مۇراسى جەريانىدا بۇ قانال ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەرگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.