تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى 29 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىرلىكتە 30 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىدى. تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى، تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تارمىقىدىكى رادىئو بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1991 - يىلىدىن بۇرۇن دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىن ئىنگىلىزچە، نېمىسچە، رۇسچە، خىتايچىغا ئوخشاش تىللاردا ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن بولۇپ، 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىي تىللاردىمۇ ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تىللاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەڭگىن ئاسېنا خانىم ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىز ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزدا ئاساسەن، خەلقئارا خەۋەرلەر، تۈرك دۇنياسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، تىل، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىن ھەققىدىكى پروگراممىلارغا يەر بېرىمىز.
ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم شاھىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىبراھىم شاھىن ئەپەندى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇ ئاڭلىتىشىمىز ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينايدۇ. ئۆتكەندە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى زىيارىتىمىزگە كەلگەندە، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 30 - 40 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىلانى بار ئىدى، ئەمما داۋاملىق ھالدا بەزى توسالغۇلارغا

ئۇچراپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدۇق. مەن خىتاي ئەلچىسىگە شۇنى دېدىم: 'ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاز ئەمەس، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار، بۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشىمىز كېرەك' دېدىم. 'بىز ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرمىسەك، تېخنولوگىيە تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە خالىغان كىشىلەر رادىئو ئاچسا سىلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدۇ' دېگەن ئىدىم. بۇنى ئاڭلاپ خىتاي ئەلچىسىمۇ بىراز ھەيران قالدى. TRT ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئاخبارات ئورگىنى. ھازىرغىچە 29 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن ئىدۇق، ئۇيغۇرچە بىلەن ھازىر 30 تىل بولدى. بىز 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا باشلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەبرىك خەتلىرى كېلىشكە باشلىدى. بۇ بىز ئۈچۈن بىر ئىلھام."
تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن ئەپەندى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تۈركلەرنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر دەرەخنىڭ شاخلىرى ھېسابلىنىمىز. شۇڭا بىز بىربىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى بىلەن خوشال بولۇشىمىز بىربىرىمىزنىڭ غېمىنى يېيىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئاڭلىتىشىمىزنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر. بۇ بىر باشلانغۇچ بولغۇسى، كېلەچەكتە تېلېۋىزىيە قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى بولغۇسى. بىز تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئەدەبىياتى مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. بىز دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رادىئو ئاڭلىتىشىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلىمىز. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ھەممەيلەنگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."
ئىبراھىم شاھىن ئەپەندى تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ يېڭى خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: " ھازىرغىچە پەقەتلا تۈركچە تور بېتىمىز بار ئىدى. بۇنىڭغا مەن ھەيران قالغان ئىدىم. مەن مۇدىر بولغاندىن كېيىن تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى يېڭىدىن 100 كىشى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن تىللاردا تور بېتى ئاچتۇق. 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بار. بۇنىڭغا پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى قاتنىشىدۇ. بۇلاردىن باشقا يېڭى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە رادىئو ئاڭلىتىشلىرىنى تەسىس قىلىۋاتىمىز. ئاخبارات ساھاسىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالدۇق."
ئىبراھىم شاھىن ئەپەندى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلارغا نېمە دېمەكچىسىز دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " بىز تارىخى ئۆتمۈشىمىزنى دەپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا باشلىمىدۇق. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۇيغۇرچە بۆلۈمدىكى ژورنالىستلىرىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈرك قانۇنىغا مۇۋاپىق ئاڭلىتىش بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزدا بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇرلارغا سۆيگۈ ۋە سالامىمنى يوللايمەن. ئۇيغۇرلار بىلەن جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۇزاق بولساقمۇ كۆڭلىمىز بىر."
تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 1964 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىشچى خىزمەتچىسى بار ئەڭ مۇھىم دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىدۇر.