بۇلاردىن بىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان:
«بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ئەڭ ئاز 21 كىشى ئۆلگەن، مىڭلارچە ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلانغان. 2 يېرىم مىليون ئارمىيىسى بار بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ، قولىدا قورال يوق ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىشى بەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىگە ھۆرمەت قىلمىغاچقا، ئۇيغۇرلار قوزغىلىشقا مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى دەپسەندە قىلىۋېرىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قوزغىلىڭى داۋاملىشىدۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدۇ.»
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى باياناتىدا تۈركىيىنىڭ پەقەتلا پەلەستىن مەسىلىسىگىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازغان:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى، پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. 2009-يىلىدىكى ۋەقەدە 200 ئەتراپىدا كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھازىرغىچە ھېچ تىنچىمىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماقتا. كىشىلەر ئۆيلىرىدىن خالىغانچە كوچىغا چىقالمايۋاتىدۇ، ئىنسانلار گۇمانلىق دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، قەشقەردە ئۆيلىرى چېقىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بۇنىڭغا قاراپ تۇرماقتا. تۈركىيە پەقەتلا پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە بالدۇرراق ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»
تۈركىيە پارلامېنتى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەتىلدە، پارلامېنت ئېچىلغاندا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە نېمە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرمەكچى؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بەرمىدى؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.