تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
2011.08.08
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ خوتەن ۋە قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە، كۆپ ساندا ئىنسان ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەندىشە پەيدا قىلدى. بىز، تارىخىي ۋە مەدەنىي رىشتىلىرىمىز بار بولغان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارىمىزدا دوستلۇق كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينايدۇ دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ۋە خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنى ۋەقەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمىز. خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇن دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى تىلەيمىز. ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە ئامانلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كەتمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىمىز.»
18-ئىيۇل خوتەندە، 30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەردە ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تۈركىيىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. كەچ بولسىمۇ 5-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ «خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇن دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى تىلەيمىز» دېگەن، ئەمما خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر كۈن تېلېۋىزىيىلەردە سۈرىيە دۆلىتىنىڭ نامايىشچىلارنى ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ 6 كۈن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 40-يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەيدانغا كېلىۋاتقانلار ھەققىدە بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتامدىغاندۇ؟ تۈركىيە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر ئاي خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەرمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە كەچ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھۆرمەتلىك ئەخمەت داۋۇتوغلۇ كېچىكىپ بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇن دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى تىلىدى، ۋەقەگە قاتناشقانلار نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلدى. مەسىلىگە خىتاي تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، خىتاي ۋەقەنى خەلقئارا تېرروررنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك بىر ۋەقەنىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي دۇنياغا بۇ ۋەقەنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار خەلقئارا تېرروررنىڭ بىر قىسمى دەپ جار سېلىشنى داۋام قىلسا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشتىن قورقىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كەچ بايانات بېرىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى تۈركىيىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
بارىش ئادىبەللى ئەپەندى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىگە تۈركىيىنىڭ قاتتىق رېئاكسىيە بىلدۈرمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 9-ئايدا خىتاينى رەسمىي زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ قېتىم پاسسىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. سىزگىمۇ مەلۇم، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە باش مىنىستىرىمىز خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مەسىلە پەيدا بولغان ئىدى. ئىككى يىلدىن بېرى بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا تۈركىيىگە بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىمىز ياخشى دەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارغا قارايدىغان بولساق، ئىشنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى ئېنىق. شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى دەرھال قىسقا ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
تۈركىيە ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بەرگەن ئەھمىيەتنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ بېرىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇشى كېرەك. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلۈشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك تۈركىيە خىتايغا ئۇيغۇر سىياسىتىڭنى ئۆزگەرت دېيىشى كېرەك. خىتاي باشقا دۆلەتلەردىكى خىتايلارنىڭ بېشىغا كۈن كەلسە قاراپ تۇرمىغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە قېرىنداش تۈركلەر قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك.