تۈركىيىدە 97 ئاممىۋىي تەشكىلات ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

19 - ئىيۇل تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تەييارلانغان بىر دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىگە بېرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشنى تۈرك ھەمكارلىق كونسېيىگە ئەزا 97 ئاممىۋىي تەشكىلات ئويۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ھەرقايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۈنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

مەتبۇئات باياناتىنى تۈرك دۈنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى: "ھۆرمەتلىك ژۇرنالىستلار، بۈگۈن بۇ يەرگە كىلىشىمىزدىكى مەقسەت، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان تۈركىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تەخمىنەن بىر مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر زېمىنغا ئىگە، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر يەرنىڭ ئىسمى. بۇ يەردە خىتايلار 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلىك بىلەن ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتايلارنىڭ مەقسىتى ئەسىرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ زېمىننى خىتاينىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك رابىيە قادىر ئەمەس، خىتاي دۆلىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىدۇر. بىز تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئەزگۈچى سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

تۈركىيىدىكى 97 ئاممىۋىي تەشكىلات ئورتاق تەييارلىغان مەتبۇئات باياناتى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازغان تەلەپ خېتىدە يەنە مۇنداق دېىيىلگەن:

-- خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەردە باشلىغان ئىبادەتنى مەنئى قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

-- خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىسلام تەرەققىيات تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

-- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئۈرۈمچىگە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بۇ مەتبۇئات باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، تۈرك دۈنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر، تۈركىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى جەمئىيىتى باشلىقى، پروفېسسور شۈكرۈ قوچ، كادىرلار ئويۇشمىسى مەسئۇلى ھاسان ھۈسەيىن يىلماز، ئاھىسكا تۈركلىرى فېدېراتسىسى باشلىقى ئوسمان چېلىك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى نامىدىن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ تەلەپنامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بەرگەندىن كېيىن تارقىلىپ كەتتى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش خىتايلارنى ئەيىبلەش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى. 19 - ئىيۇلدا ئەنقەرەنىڭ قىزىلچىھامام ناھىيىسىدە "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزى ۋە شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.

سائادەت پارتىيىسى ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل `ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى` تېمىسىدا سۆز قىلغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.