تۈركىيە بىرمىدىكى ئاراقان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلماقتا
2012.08.31
ئاراقان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بۇدىستلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قاچان، قانداق پەيدا بولغان؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئاراقانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم بىلەن ئوخشايدىغان تەرىپى بارمۇ؟ بۇ مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن دۇنيا دۈلەتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئىناسنىي ياردەم ۋەقپىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسيا دۆلەتلىرىگە مەسئۇل مۇدىرى، 8 يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم ئاراقانغا بېرىپ كەلگەن سايىت دېمىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، بىرمىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددستلار ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تۈپ يىلتىزى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
- بىرمادىكى يەرلىك خەلق بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يەرلىك ئەمەسلىكىنى ۋە ئېنگىلىز ئىشغالىيىتى مەزگىلدە بۇ رايونغا ھىندىستاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە ئېنگىلىزلار قايتقان بولغاچقا، يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭمۇ كېتىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئاراقان مۇسۇلمانلىرىدۇر. بىرمىدا باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارغا ھېچكىم قارشى تۇرمايدۇ. ھۆكۈمەت بولسا رەسمىي سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاراقان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىندىستانغا قايتىشىنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ ھەم خەلقنىڭمۇ ئىستىكى.
سوئال: بىرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟
- بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ئەھۋالى تولىمۇ ناچار. چۈنكى، ئاراقان مۇسۇلمانلىرى بىرما دۆلىتى تەرىپىدىن نورمال پۇقرا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنى بۇ دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكى نورمال پۇقرالارنىڭ كىملىكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكىدە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرى ۋە ئاراقان يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇددىستلاشتۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە ئاراقان مۇسۇلمانلىرى بىرمىنىڭ ئاراقان ۋىلايىتىدىكى لاگىرلاردا ياشايدۇ. ئۇندىن باشقا، بېنگالدىكى لاگىرلاردىمۇ يۈزمىڭلارچە ئاراقان مۇسۇلمانلىرى ياشىماقتا. ئاراقانلار گەرچە بۇرۇن ئىقتىسادى ئەركىنلىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1962 - يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى بارلىق كارخانىلار ئومۇمغا ئۆتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قولى بىلەن تارتىپ ئېلىندى. بۇ سەۋەبتىن ئاراقانلار تولىمۇ ئەپسۇس، دېھقانچىلىق بىلەن ھاياتىنى قامدىماقتا. ئېنىقكى، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي ھوقۇقىمۇ ئۆز قولىدا ئەمەس. ئۇلار بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ دۆلەتتىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىلىم ئېلىش ھەققىمۇ يوق. پەقەتلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرەلمەيدۇ. تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىنىڭ ئارقىسىدا دۆلەت ئورگانلىرى ئېتىراپ قىلمايدۇ دەيدىغان ئەسكەرتىش بەلگىسى بار. 1982 - يىلىدىن بېرى ئۇلارنىڭ مەسچىت سېلىشى چەكلەنگەن. ئۆز ئالدىغا شەخسىي تۇرالغۇمۇ سالالمايدۇ. پەرزەنت كۆرۈشتىمۇ چەكلىمە بار. بىر ئائىلىدە ئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى بالا بولۇشى كېرەك. يەنە تېخى بىر ئاراقانلىق مۇسۇلمان كارخانا قۇرماقچى بولسا، چوقۇم بىر بۇددستقا شىرىك بولۇشى لازىم. ئۇلارغا قارىتا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان بېسىم سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇلارنىڭ سەۋەبى بىر ئامال قىلىپ بۇ مۇسۇلمانلارنى بۇ دۆلەتتىن تەزدۈرۈپ كەتكۈزىۋېتىش.
سوئال: بۇلار بىلەن بىللە چىقىشىپ ئۆتۈشنى خالايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قولىغا بېرىشنى قوللايدىغان ھېچقانداق بىر سىياسەتچى يوقمۇ؟
- نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال سىياسەتچى ئەنساڭ سۇچى خانىم بۇرۇن مۇشۇ خىل باياناتلارنى ئېلان قىلغان. بۇ باياناتىدا بىرمىدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل خەلق بۇ دۆلەتتە ئوخشاش ھەق - ھوقۇققا ساھىپ، ھەممەيلەننىڭ بۇ دۆلەتتە بەراۋەر ياشاش ھۇقۇقى بار دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما قەتلىئامدىن كېيىنلا بۇ ئايالمۇ بۇ ھەقتە توختالماس بولدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى. بولمىسا بىرمىلىقلارنىڭ ئىچىدىمۇ ۋىجدانى بار بۇددست سىياسەتچىلەرمۇ بار. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقسىز ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. ئەمما، شۇئان ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيە ئارمىيىنىڭ قوللىشىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىياسەتچىلەرمۇ ئامال يوق، بۇ سىياسەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر.
سوئال: ئىنسانىي ياردەم ۋەقىپىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى زۇلۇم تارتىۋاتقان خەلققە قىلىۋاتقان ياردىمىدىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بار. بىزمۇ بۇرۇن ئۇلار ھەققىدە پروگرامما ئىشلىگەن ئىدۇق. سىز نۇرغۇن قېتىم بىرمىغا بېرىپ كەلدىڭىز. تۈرك قىزىلئاي بولسۇن، مەيلى ئىنسانىي ياردەم ۋەقىپى بولسۇن، تۈركلەر بىرمىدىكى مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم قىلىۋاتىدۇ؟
- تولىمۇ ئەپسۇس، بىز ئاراقان رايونىغا كىرەلمەيۋاتىمىز. چۈنكى، بۇ رايون چەكلەنگەن رايوندۇر. سرتتىن ھېچقانداق بىر كىشى بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ياردەم ئوبىيېكتىمىز ئاراقاندىن قېچىپ چىقىپ بېنگال لاگىرىدا ياشاۋاتقان ئاراقان مۇسۇلمانلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالدى. بىز لاگىردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوزۇقلۇق، دېزىنفىكسىيە، ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتىمىز. قاچقانلار يېنىغا ھېچنەرسە ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇنىڭغا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇندىن باشقا يېتىم بالىلارغا ئىگە چىقىش ۋە لاگىرلاردا مەسچىت ۋە مەكتەپلەرنى قۇرۇش ئىشلىرىنى پىلانلاۋاتىمىز. قولىمىزدىن كېلىشىچە، ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالىشىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمۇ يېرىم ئەسىردىن بۇيان خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسى سۈپىتىدە نۇرغۇنلىغان بېسىم سىياسەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا مۇسۇلمان ئەللىرى ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەك.