بۇ دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە. تۈركىيىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى مالىك ئەژدەر ئەپەندى بىلەن خالۇق ئەخمەت گۈمۈش قاتارلىق كىشىلەر قاتناشماقچى. بۇ كىشىلەرنىڭ قۇرۇلتايغا بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بىر گۇرۇپپا دىپلومات مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشماسلىقىنى، قاتناشقان تەقدىردە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دېگەن. ئەمما بۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش پىكرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
خىتاي ئەلچىسى مېنى ئىزدىمىدى، ئەمما بىزنىڭ پارتىيىنى زىيارەت قىلىپتۇ. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەپتۇ. بىز دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىگە، ئۇرۇق - تۇغغان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىپ پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيمىز. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىمىز بىلەن قاتنىشماقچىمىز. بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىمىز.
پارلامېنت ئەزاسى خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىڭلاردىكى مەقسەت نېمە دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى:
- خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيا دۆلەتلىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.