بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ 150 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى سۆز قىلدى. در. ئاخمەت تۈركۆز بۇ يىغىندا `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى` تېمىسىدا سۆز قىلدى. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى در.ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى ئالدى بىلەن 2 كۈندىن بۇيان ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
بىزنى تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئەگەمەن باغىش ئەپەندى `ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش ئالدىدا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن دىئالوگ` ماۋزۇلۇق يىغىنغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بىز ئەنقەرەگە بۇ يىغىنغا قاتناشقىلى كەلدۇق. يىغىن باشلاشتىن بۇرۇن تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مۇستافا سايىت يازىجىئوغلى ۋە قازاقىستاننىڭ ئەنقەرە باشەلچىسى باغدات ئامرەيېۋ قاتارلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نەشىر قىلدۇرغان، كىتاب ۋە ژۇرناللىرىمزدىن بەردۇق. ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە جەمىيىتىمىزنىڭ پائالىيەت پىلانلىرىنىمۇ ئاڭلاتتۇق. ئۇلار ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىش پىلانىڭلارنى يېزىپ كېلىڭلار قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىمىز دېدى.
در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ 150 ئاممىۋىي تەشكىلات قاتناشقان بۇ مۇھىم يىغىنغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ 1960 - يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، 1996 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ھابىتات يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمىزنى، 2000 يىلى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىمىزنى ئېيتتىم. بۇلاردىن باشقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بولىۋاتقان يەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. سۆزىمىزدە يەنە خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ دۇنيادا تەن جازاسى، ئۆلۈم جازاسى، ئىرقىي كەمسىتىش ئەڭ كۆپ بولىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدىم.
شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى يىغىنغا مىنىستىرلارنىڭمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھۆكۈمەتتىن ئىككى نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
ھۆكۈمەت خادىملىرىنى كۆرۈپ، بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلاردىن ئىككى نەرسىنى تەلەپ قىلدۇق. بىرىنچىسى 1998 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ئېسىشنى، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ بۇ خىل يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىپ ھۆججەت چىقارغان ئىدى، بىز بۇ ھۆججەتنى ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى دۆلەت مىنىستىرى ئەگەمەن باغىش ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىدىكى پۈتۈن توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىنچىسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىنىڭ ئىككى قېتىم ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى، 2007 - يىلى 4 - ئايدا تۈركىيىدە چاقىرىلغان `دېموكراتىيە مۇنبىرى` ناملىق يىغىنغا ۋىزا بېرىلمىگەچكە قاتنىشالمىغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىم مەزلۇم - دەر جەمئىيىتى بەرگەن ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلغاندا تۈركىيىنىڭ يەنە ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىسى ئىكەنلىكىنى دېگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق.
در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى 150 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بۇنداق بىر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن يىغىندا قىلغان سۆزۈمدە، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلاتقان ۋاقتىمدا، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ 1949 - يىلى قول قويغان جەنۋە توختامنامىسىغا خىلاپ ھالدا خىتاي كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى دېگەن ۋاقتىمدا يىغىن ئەھلى مېنى قاتتىق ئالقىشلىدى. بىز بۇ يىغىندا مىنىستىرلەرگە، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسۇللىرىغا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. بۇ يىغىندا قىلغان سۆزۈم تۈركىيە باشمىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنماقچى.
در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
1998 - يىلى تۈرك ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ ھوججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن، بىز تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئورتاق يىغىن ئاچماقچى. تۈركىيىدە پانىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىلسۇن دېگەن مەزمۇندا ئىلتىماس تەييارلاپ، بۇنىڭغا قول قويۇش دولقۇنى قوزغاپ، كىشىلەرگە قول قويدۇرتقاندىن كېيىن بۇنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتىمىز.
شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى در. ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ 2008 - يىلى 4 - ئايدىكى سايلامدا سايلانغانلىقىنى، يېڭى سايلانغانلارنىڭ، ياش، قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى تۈركلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.