18 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاخشام قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ھويلىسىدا نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قەيسەرىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مېدال بېرىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. كېيىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرگە مېدال تارقىتىلدى. مەمەت ئىمىن بۇغرا شېئىر مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن مىھراي ئۆزخان، مەمەت ئەلى تەۋپىق شېئىر مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن تۇغبا ئۆزخان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماقالە مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن گۈلشەن ئالتان قاتارلىقلارغا مېدال بېرىلدى.
پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئوسمان باتۇر پۇتبول كوماندىسى بىرىنچىلىككە، سابىت داموللام پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىدا پۇتبول ئوينىغان ياش - ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات بېرىلدى. كېيىن در. مەسۇت سابرى بايقوزى شاھمات مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئابدۇلازىز ھاجىغا مېدال بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ نامىدا بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىش، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بىز بۇ پائالىيەت ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.