تۈرك ئايروپىلانى گوللاندىيىدە چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئائىت يولۇچى ئايروپىلانى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى ئايروپىلان ئىستانسىسىغا قونۇش ئالدىدا ئېتىزلىققا چۈشۈپ 3 پارچە بولۇپ كەتكەن. ئايروپىلاندا 127 يولۇچى ۋە 7 خىزمەتچى بار ئىكەن.

0:00 / 0:00

دەسلەپتە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي قايغۇلۇق خەۋەر كېلىشكە باشلىدى. بۇ قازادا جەمى 9 كىشى ئۆلگەن 24 كىشى ئېغىر يارىلانغان.

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايروپىلان ئىستانسىسىدىن ئەتىگەن سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچقان ئايروپىلان سائەت 11:55 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلان ئىستانسىسىغا قونۇش ئالدىدا ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر گوللاندىيە ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرگە ئايلاندى. تۈرك ژورنالىستلىرىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئايروپىلاندا 127 يولۇچى بىلەن 3 ئۇچقۇچى 4 خىزمەتچى بولۇپ، جەمى 134 ئىنسان بار ئىكەن.

ئايروپىلان ئېتىزلىققا چۈشكەندىن كېيىن، پارتىلىمىغاچقا چوڭ پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغان. گوللاندىيە ۋە تۈرك مەسئۇللار بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يولۇچىلارنىڭ 56 سى چەتئەللىك، 78 ئى تۈرك ئىكەن.

ئايروپىلان قازاسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان. گوللاندىيىلىكلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 3 ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئايروپىلان قازاسىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان كېرىم ئۈزەل ئىسىملىق يولۇچى تۈرك مۇخبىرلارغا بۇ قازا ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئايروپىلان قونغىلى تۇرغان ۋاقتىدا بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى. كېيىن ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقى يەرگە تېگىپ بىر چوڭ يولنىڭ بويىدىكى ئېتىزلىققا چۈشتى. مەن ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككىنچى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋاتاتتىم. مەن ئولتۇرغان يەر پارچىلاندى، مەن پارچىلانغان يەردىن قۇتۇلۇپ چىقتىم. مەن دەسلەپتە ئايروپىلاننى نورمال قونىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمما كېيىن كىشىلەر ۋارقىراشقا باشلىغاندىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەنكەنلىكىنى چۈشەندىم."

بىز بۇ ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.