روزى ھېيت بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېيتلىق توپلاش، ئويۇن-تاماشا قىلىش شۇنىڭدەك خۇشاللىق ئىچىدە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆگىنىش دېمەكتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خۇشاللىقتۇر. تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە گېزىت ۋە رادىئولار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلىمەكتە. ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كۈن تەتىل قويۇۋېتىلگەن تۈركىيىنىڭ چوڭ-كىچىك شەھەر ۋە يېزىلىرى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزى ھېيتنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزمەكتە.
ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.