بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا خۇدادىن شادلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئاداۋەتنى تۈگىتىش ۋە قۇربانلىق قىلىپ ئۇنىڭ گۆشىنى كەمبەغەللەرگە تارقىتىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. قۇربان ھېيت بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېيتلىق توپلاش، ئويۇن-تاماشا، خۇشاللىق ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆگىنىش دېمەكتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خۇشاللىقتۇر. بۈگۈن تۈركىيىدىكى 74 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزمەكتە.
بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ نامراتلارغا تارقىتىپ ئائىلىسىدىن يىراقتا قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۇنتۇماي ۋەتەندىكىگە ئوخشاشلا قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشماقتا. تۈركلەر ھېيت نامىزىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى تىلىمەكتە.