ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھويلىسىدا قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان، بىر-بىرىنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلىشىۋاتقان، بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان قىزغىن كەيپىياتقا قوشۇلۇپ، ئاۋاز ياڭراتقۇدىن ئاڭلىنىۋاتقان جاراڭلىق ناغرا-سۇناي ئاۋازى سورۇن ئەھلىگە ۋەتەن ئىچىدىكى قۇربان بايرامنى ئەسلەتتى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتىش، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى قاتارلىق مەسئۇللار سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە سورۇن ئەھلىنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
كېيىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن مەردان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق دىكلاماتىسيە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى.
پروگرامما ئىككى سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن تاماق زىياپىتى بېرىلدى.
بىز پائالىيەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەتئەيسا ئارتىش بىلەن بۇ پائالىيەت توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.