ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلدى

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ھەققىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 115 - نومۇرلۇق بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باغچەلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى يالچىن توپچۇ بايانات بېرىپ دۇنيانى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى مۇنداق دېيىلگەن:

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 140 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ غەم قايغۇغا چۆمدۇق. بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىپ قانۇن بويىچە جازالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باھچەلى ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىدا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىنلا مەيدانغا كېلىشىنىڭ كىشىنى ئويغا سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ تۈرك مىلللىتىنى قاتتىق ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسانلىق تراگېدىيىسىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ نازۇك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى باياناتىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە بىر شەكىلدە ياشىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن دەرھال پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى يالچىن توپچۇ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلسا تۈركلەرنىڭ دۈشمىنى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلسا تۈركلەرنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتە توغرا بايانات بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. مەدەنىي، ئەركىن دۇنيانىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

توپچۇ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا سەبىر تىلىگەندىن كېيىن، تۈرك خەلقىنى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ترت تۈرك، ترت1، ترت2 قاناللىرىدىن باشقا شەخسىي تېلېۋىزىيىلەردىن ن ت ۋ، ئات ۋ، قانال د، فوكس ت ۋ گە ئوخشاش ئونلارچە قانال ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كەڭ كۆلەمدە يەر بەردى.

مۇتەخەسسىسلەر تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە قانداق كەلگەنلىكىنى تەھلىل قىلىشتى. ھەممە بىردەك بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتغان بېسىم سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

تۈركىيىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يەنە نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.