تۈركىيىنىڭ ئىسكەندەرۇن شەھرىدە 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى'

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا، تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، ئۇيغۇر داۋاسىنى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پۈتۈن تۈرك خەلقىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە لېكسىيە ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

17 - ئىيۇل كۈنى، سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بۇ گۇرۇپپا، تۈركىيىنىڭ ئىسكەندەرۇن شەھرىدە 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى' تېمىسىدا، ئىسكەندەرۇنلۇقلار جەمئىيىتى باشلىقى نۇرەتتىنجان ئەپەندىنىڭ يېقىندىن ياردىمى ئاستىدا، شۇ شەھەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىدا نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە، نۇرەتتىنجان ئەپەندى ۋە سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.