رەجەپ تايىپ ئەردوغان داۋوستا زالنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس دېگەن يېرىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىدىكى، پەلەستىننىڭ غەززە مەسىلىسى تېمىسىدىكى يىغىندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت رەئىسى پەرەسكە ئاچچىقلىنىپ ,"سىز ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ياخشى بىلىسىز" دېدى.

0:00 / 0:00

سۆز قىلىش ۋاقتىنى شىمون پەرەسكە قارىغاندا ئاز بەرگەچكە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان يىغىن زالىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.

داۋوستىكى دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن ئىسرائىلىيە رەئىس جۇمھۇرى پەرەسنىڭ جىدىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى يەنە بىر قېتىم غەززە مەسىلىسىگە بۇرىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى بان كى مۇن بىلەن ئەرەب بىرلىكى باش سېكرېتارى ئەمىر مۇسامۇ سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ يىغىندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ خاماس بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان شىمون پەرەس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى ۋە خاماسنى ئەيىبلىدى. پەرەسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يىغىن زالىدا ئولتۇرغان بەزى كىشىلەر چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى.

پەرەسنىڭ گېپى تۈگە تۈگىمەي رەجەپ تايىپ ئەردوغان سۆز ھەققى تەلەپ قىلدى، يىغىن رىياسەتچىسى سۆزلەشكە رۇخسەت قىلمىدى. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن رەجەپ تايىپ ئەردوغان شىمون پەرەسكە جاۋابەن مۇنداق دېدى: "سېنىڭ يېشىڭ مەندىن چوڭ، ئاۋازىڭ بەك يۇقىرى چىقىۋاتىدۇ. سەندىكى بۇ جىنايەتچى پسىخولوگىيىسى. سىز ئىنسان ئۆلتۈرۈشنى ياخشى بىلىسىز".

ئۇ بۇ سۆزلەرنى دېگەندىن كېيىن پەرەسنىڭ سۆزىگە چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىغان ئىنسانلارغا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: "زۇلۇم قىلغانلارنى ئالقىشلىغانلارنى ئېيىبلەيمەن".

سۆز ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 12 مىنۇت سۆز قىلغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە رەئىس جۇمھۇرى شىمون پەرەسنىڭ دەل 25 مىنۇت سۆز قىلغانلىقىنى ئېيتقان رەجەپ تايىپ ئەردوغان "بۇنىڭدىن كېيىن داۋوسقا كەلمەيمەن" دەپ، سەھنىدىن ئۇدۇل سىرتقا چىقىپ كەتتى. 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاخشام تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن بەرگەن بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپىدىكى ۋەقەگە ئايلاندى.

بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ يېرىم سائەت ئۆتەر ئۆتمەي تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيىلەر داۋوستىن نەق مەيداندىن ئىسرائىلىيە رەئىس جۇمھۇرى شىمون پەرەسنىڭ رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى چىقىرىپ گەپ قىلىپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تارقاتتى.

شۋېتسارىيىنىڭ شەرقىدىكى داۋوستا ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۇنيادا بولۇپمۇ تۈركىيىدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە رەئىس جۇمھۇرى شىمون پەرەسكە قاتتىق گەپ قىلىپ سەھنىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر ئۇنى ئېزىلگەن خەلقنىڭ قەھرىمانى دەپ ئېلان قىلسا، يەنە بەزى كىشىلەر باش مىنىستىرنىڭ بۇ قوپاللىقىنىڭ دىپلوماتىيىگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

يەنە بەزى كىشىلەر ئەرەب دۆلەتلىرى جىم تۇرۇۋالغان بۇنداق بىر پەيىتتە تۈركىيىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشسە، يەنە بەزى كىشىلەر تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك مۇتەخەسسىسلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.