تۈركىيە ژۇرنالىستى ئاخمەد ئاي يازغان بۇ ئوبزور «1750-يىللىرىدىن بۇيان خىتاي ئىشغالىيىتىگە دۇچ كەلگەن ۋە 1955-يىلى رەسمىي خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونى ھالىغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان، تولىمۇ ئەپسۇسكى ھېلىغىچە خىتاي ئىشغالىيىتىدە زۇلۇم چەكمەكتە» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇم مىساللار بىلەن ئاڭلىتىلغان.
ئاخمەد ئاي ئەپەندى ئوبزورىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: «ئافرىقىدا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇچرايدىغان سەھنىلەر شەرقىي تۈركىستاندىمۇ كۆرۈلمەكتە. خۇددى دۇنيانىڭ ئافرىقا بىلەن كارى بولمىغاندەك ئۇيغۇرلار بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. تارىخىي تۈركىستان زېمىنلىرىنىڭ ھەربىر شەھىرىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقى قولىدىن تارتىۋېلىنغان، مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن، قەتلىئام قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.»
ئاخمەد ئاي ئەپەندى ئوبزورىدا تۈركىيە ژۇرنالىستى مەلتەم ئارىقاننىڭ ماقالىسىدىن ئۈزۈندىلەر كۆرسىتىپ مۇنۇلارنى چۈشەندۈردى:
«بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان مەلتەم ئارىقان بۇ ئېسىل مىللەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يامان ئىستىللاردىن تولىمۇ يىراق بولغان ئېسىل خىسلەتلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ: ئۇيغۇر تۈركلىرى تەربىيىلىكلىكى، توغرا نىيەتلىكلىكى، سەبىرلىكلىكى، مۇلايىملىقى، دۆلەتكە بولغان ئىتائەتمەنلىكى، كەمتەرلىكى، ساداقەتمەنلىكى قاتارلىق سۈپەتلىرى بىلەن تونۇلغان ئېسىل بىر مىللەت.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1990-يىللارغىچە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى خىتاي تېخىچە دوراپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا سالمىغان زۇلۇمى قالمىدى. ئاتالمىش غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى نامى ئاستىدا ھەرخىل قەتلىئاملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا دۇنيا دۆلەتلىرى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ. جۈملىدىن، سۈرىيىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىن كۆزىتىۋاتقان بىزلەرمۇ بۇرۇندىن مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتىمىز. ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا قارىتا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ چەتئەلدىكى ئەسەبىي دىنى كۈچلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ۋەقەنى قەتلىئام قىلىنغاندىن كېيىن سورىقى بولمىغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تىلغا ئالماقتا.»
ئوبزورچى ئاھمەد ئاي، «بۇ زۇلۇم تونۇش» ناملىق ئوبزورىدا «رادىكال ئىسلامچىلار توپىلىڭى» مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇش بىر باھانە. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرىدىغان قالپىقىمۇ تەييار. فرانسىيىمۇ مالىگە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر قوزغىلىڭى دەپ بومبا تاشلىغان ئەمەسمىدى. ئەسەبىي كوممۇنىست خىتاي مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى قەتلىئام قىلدى. غەرب دۇنياسى بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز تۇنجى قېتىم بايرام ئۆتكۈزۈشتىن ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىنغان ئەمەس. بۇ زۇلۇم 60 يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.»
ئۇ ئوبزورىنى مۇنۇ بايانلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. ئىنسانلارنىڭ سەمىدە شۇنداق بىر ھەقىقەت بولۇشى كېرەككى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىگە-چاقىسىز دەپ قارايدىغانلا بولسا، ئۇلارنى ھامان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ. يالغۇز تۈركىيىنىڭلا بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشى ئاسانلىقچە بىر يېڭى نەتىجە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. تۈركىيە ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىققا ئىگە چىقىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن تۈرك ئىسلامىنىڭ دۇنياسىنىڭ بىر پىكىردە بولۇشى شەرت.
رادىكال كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى توختىتىشى، قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك يوللاردىن جانلىق پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلار باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى شەرت. گېزى كەلگەندە، داۋاملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىنى ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.