تۈرك دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن 12 - ئىيۇن كۈنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇراسىم زالىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەت رايونلىرىدىن كېلىپ تۈركىيىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مۇراسىمدا 55 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 183 نەپەر تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا ۋە موڭغۇل ھەم تاجىك ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار. بۇ دىپلوم بېرىش مۇراسىمىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ پۈتۈن چىقىملىرى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلارغا ياردەم مەقسىتى بىلەن 1992 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مىللەتلىرىدىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى. ھازىرغىچە بولغان 16 يىل ئىچىدە 5 مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە 55 دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 38 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 8000 نەپىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 4507 نەپىرى بولسا ھازىر تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇماقتا ئىكەن. قالغان ئوقۇغۇچىلار بولسا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇشىنى داۋام قىلماي تۈركىيىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

17 - نۆۋەتلىكى بولغان بۇ دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك ئەپەندىم قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: "سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن ھەممىڭلارغا سۆيگۈ ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانىنى باشلاتقان ئىدۇق. ھازىرغىچە بولغان 16 يىل ئىچىدە 5 مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە 55 دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 38 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن بولۇپ بۇلارغا تۈركىيە دۆلىتى ئوقۇش پۇلى بەردى، بۇلارنىڭ 8000 نەپىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 4507 نەپىرى بولسا ھازىر تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇماقتا. قالغان ئوقۇغۇچىلار بولسا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇشىغا داۋام قىلماي تۈركىيىدىن ئايرىلغان. بۈگۈن بۇ مۇراسىمىمىزغا قېرىنداش دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان شۇنداقلا خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئىراندىكى ئەزەرىلەردىن بولۇپ 55 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تۈركىي مىللەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى قاتناشماقتا. ئۇلار بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى. ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. بىز سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ تونۇدۇق، تونۇش بىلەن قالمىدۇق، ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش ئىش پىلانىمىزنى يولغا قويدۇق. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئوقۇتتۇق. ئۇلار ھازىر ئۆز دۆلەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئىشلىمەكتە، بىز بۇلاردىن پەخىرلىنىمىز. بىز بۇ ئىش پىلانىمىزنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى نامىدىن يېڭى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن."

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك ئەپەندىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۇلار بىلەن ئايرىلىشتى. ئۇيغۇر تىلىدا "خەير - خوش" دېگەندە زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

مائارىپ مىنسىتىرى ھۈسەيىن چېلىك سۆزىدە، ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىدە ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەتنى تىكلەش ئۈچۈن بۇ پىلاننى يولغا قويغانلىقىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مىللى مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك ئۆز قولى بىلەن دىپلوم ۋە سوۋغات بۇيۇملىرىنى تارقاتتى. كېيىن يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغىمۇ سوۋغاتلار بېرىلدى. بىز دىپلوم بېرىش مۇراسىمى جەريانىدا دىپلوم ئالغان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

قازاقىستاندىن كېلىپ ئىزمىر 9 ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوختۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن مۇبارىس ئابدۇللايېۋ دىپلومنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: " ئەلۋەتتە بەكلا ھاياجانلىنىۋاتىمەن. 8 يىلدىن بېرى بۇ مىنۇتلارنى كۈتتۇق. تۈركىيىدە بەك ياخشى ئوقۇدۇق. يەنى چەتئەلدە ئوقۇغان بولدۇق. تۈركىيە بىزنى بەك ياخشى ئوقۇتتى. تۈركىيە قازاقىستانغا قارىغاندا تەرەققى قىلغان بىر دۆلەت. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆپ پەرق بار. بىز ئوقۇش پۈتتۈردۇق ئۆز دۆلىتىمىزگە قايتىپ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز. ھازىر ئۆزەمنى بەك بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتىمەن.

17 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمى سەنئەت نومۇرلىرىدىن كېيىن تەنتەنىلىك ھالدا ئاياغلاشتى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىر ھەپتە تۈركىيىنىڭ مېھمىنى بولغاندىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشىدىكەن.