تۈركىيىدىكى ' ۋاقىت ' گېزىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

"ۋاقىت" گېزىتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى سانىدا، گېزىتنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇدىرى مۇستافا ئۆزگۈر ئەپەندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش سېكرېتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ زىيارەت ماقالىسى "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش سېكرېتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىنساننى قورقۇنچقا سالغان خىتاي زۇلۇمىنى ۋاقىت گېزىتىگە ئاڭلاتتى: تۈركىستان ئىگىسىز" تېمىسىدا بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئەتراپلىق ھالدا ئاڭلىتىلغان. ماقالە ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئاخىرقى چوڭ بىر بېتىنى قاپلىغان بولۇپ، رەسىملەر بىلەنمۇ بېزەلگەن.

دولقۇن ئەيسا مۇخبىرغا، يۇقىرىدىكى تېمىلاردىن باشقا، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەھمەت ئېمىن بۇغرا ۋە مەسۇت سابرى بايقوزىلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئورنى ھەققىدىمۇ توختالغان.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇنداق ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان ماقالىلار ئانچە كۆپ ئېلان قىلىنىپ باقمىغان ئىدى. بىز بۇ ماقالە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇستافا ئۆزگۈر ئەپەندىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن، د ئۇ ق باش سېكرېتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىزگە ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە تۈركىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.