تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانېر يىلدىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى بىلەن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، يەنى روزى ھېيتنىڭ 3 - كۈنى قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى.

0:00 / 0:00

مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ھېيت داستىخانىغا داخىل بولۇپ، روزى ھېيت ئۈچۈن تەييارلانغان نازۇ - نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى، كېيىن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىگە كېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

تانېر ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز "ئۇنىڭدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل ۋە سىز ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدىڭلار، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئەمما تۈركىيە رابىيە قادىر خانىمغا تېخىغىچە ۋىزا بەرمىدى، بۇ ھەقتە بىرەر يېڭىلىق بارمۇ؟ " دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوئالىمىزدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىدى.

Turk-ministiri-Qeyseri-Uyghur-wexpide-mihman-Siyit-Tumturk-305
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺗﺎﻧﯧﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﺰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯧﻴﺘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺗﺎﻧﯧﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﺰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﯩﺮﺧﯧﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

بىز ئۇ كۈنى تەپسىلى ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلدۇق.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ۋە قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بەكىر يىلدىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيىتلىشىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مىنىستىرىمىزنىڭ تەشكىلاتىمىزغا ھېيتلاپ كېلىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنىڭ، ھېچ بىر زامان قېرىنداشلىرىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈركىيىدە تونۇتۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادە قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن."

قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بەكىر يىلدىز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ مۇنداق دېدى:

"مەن ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. بۇ يەردە سىلەر ئۇنۇتمايدىغان بىر نەرسە بار. جىددىدە، مەدىنەدە، ئىستانبۇلدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا 1960 - يىللاردا خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چىققان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بار. ئۇلار بىر مەھەللىگە جايلىشالمىغاچقا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش كۈچىنى يوقۇتۇپ قويدى. باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى جان بېقىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆز داۋاسىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتتى. سىلەرنىڭ بىر ئەۋزەللىكىڭلار بار. دەسلەپتە بۇ يەرگە 100 ئەتراپىدا ئائىلە كېلىپ جايلاشقان ئىدىڭلار، ھازىر بالا - چاقىلىرىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۆپەيدىڭلار. سىلەردە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بار، بۇنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئىتتىپاقلىقىڭلاردىن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە مىللى ئىنقىلاب مەيدانغا كەلمەكتە. مېنىڭ بىلىشىمچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە سىلەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن داۋاملىق جۇرنال چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان باشقا بىر مەركەز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ بۇ مەھەللىدە بىرلىكتە ياشىشىڭلار ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرىشىڭلارنى، ھەقلىق داۋايىڭلارنى داۋاملىق ھالدا ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تىلەيمەن. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن."

كېيىن، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم، ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۆزۈمنى باشلايمەن. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. سىلەر بىلەن بىرلىكتە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن. سىلەرنىڭ مەھەللەڭلەرگە كېلىشىمدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەپ بار. بىرىنچىسى سىلەرنىڭ ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەش ۋە سىلەر بىلەن مۇڭدىشىش. ئىككىنچى سەۋەب بولسا، ئەتە يەنى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۈركىيە بويىچە ئاساسىي قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرى ئۆزگەرتىلسۇنمۇ ئۆزگەرتىلمىسۇنمۇ دەپ راي سىناش ئېلىپ بېرىلماقچى. سىلەر بۇرۇنلا ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ياقىلايدىغانلىقىڭلارنى بايان قىلدىڭلار، بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن كەلدىم. بىز تۈركىيىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز، سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك بىر تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. مەن مىنىستىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنىڭ قوشقان تۆھپەڭلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن."

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىزنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىش ۋىزاسى ھەققىدە سوئال سورىدۇق.

بىزنىڭ، "ھۆرمەتلىك مىنىستىر سىز مىنىستىر بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كېلەتتىڭىز، مىنىستىر بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى ئۇنۇتمىدىڭىز. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھال سورىدى. ئەمما رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيە تېخىغىچە ۋىزا بەرمىدى، بۇ ھەقتە بىر يېڭىلىق بارمۇ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

"بىز ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە. بىز ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ قانداق ياردەم قىلىشىمىز كېرەك بولسا شۇنداق قىلىۋاتىمىز. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. خۇدادىن سىلەرنىڭ سالامەتلىك ئىچىدە كۆپلەپ ھېيت ۋە بايرام ئۆتكۈزىشىڭلارنى تىلەيمەن."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.